كۆرۈشۈشتە رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتتى، شۇنداقلا نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىگە بولغان تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىن جەريانىدا يەنە ئولىمپىك يىغىنى ۋە ئۇنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر بولۇپ ئۆتتى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى كۆرۈشۈشتىن كېيىن رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئالىم سېيتوف ئەپەندى نورۋېگىيە كىشىلىك ھوقۇق سارىيىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى.يىغىنغا نورۋېگىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى قاتناشقان بولۇپ رابىيە خانىم بۇ يىغىندىمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە دوكلات بېرىپ ئۆتتى.دوكلاتتىن كېيىن رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيىنىڭ داڭلىق گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان پوچتا كەچلىك گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلدى .
زىيارەتتىن كېيىن رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئالىم سېيتوف ئەپەندى نورۋېگىيە پارلامېنتىدا ئۇچرىشىشتا بولدى. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشقا تەرەققىيات پارتىيىسى،ئوڭچىلار پارتىيىسى،خىرىستىئان دېمۇكراتچىلار پارتىيىسى ۋە سولچىلار پارتىيىسىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەرباپلىرى قاتناشتى. ئالىم سېيتوف ئەپەندى نورۋېگىيە پارلامېنتىدىكى ئۇچۇرۇشۇش ھەققىدە مۇخبىرىمىزنىڭ سۇاللىرىغا جاۋاپ بەردى.
نورۋىگىيىدىكى ئۇچ كۈنلۈك جىددى خىزمەت سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئالىم سېيتوف ئەپەندى ئەتىسى ئەتىگەندە ئايروپىلان بىلەن شىۋېتسىيەگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
0:00 / 0:00