بۇ قېتىم رافتو كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى بىلەن ياۋروپا قانۇنچىلىق مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى بىرلەشمىسى بىرلىشىپ "خىتاي، كىشىلىك ھوقۇق ۋە بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى"تېمىسىدا مەخسۇس يىغىن ئويۇشتۇرغان بولۇپ رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق مېھمىنى ۋە ئاساسلىق سوز قىلغۇچىلىرىنىڭ بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يىغىندا ئاساسلىقى ئاۋغۇست ئېيىدا خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىك يىغىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۆز ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماي كىشىلىك ھوقۇقنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ھەققىدە مەخسۇس تېمىلاردا سوز قىلىندى.
6 سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان يىغىندا رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ئېغىر سىياسىي ۋەزىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقى ۋە ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە 2 سائەتتىن ئارتۇق ئەتراپلىق دوكلات بېرىپ يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى.
رابىيە قادىر خانىم 2004-يىلى رافتو كىشىلىك ھوقۇق خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە رافتو كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەمئىيەت ئۇيغۇر ئىلى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە توغرا ئۇسۇلدا تونۇتۇش ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشتا كۈچلۈك ياردەمدە بولۇپ كەلمەكتە.
يىغىن ئاخىرىدا رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيىدىكى ھەر قايسى تېلېۋىزىيە ۋە نوپۇزلۇق گېزىت مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. شۇ كۈنى يەنى 10-ئاپرېل جۈمە كۈنى كەچتە نورۋېگىيىنىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى بولغانNRK 1 - قانىلىدا يىغىننىڭ ئەمەلىي جەريانى، رابىيە قادىر خانىم بىلەن بولغان زىيارەت ۋە ئۇيغۇر ئىلى ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەر تەپسىلىي كۆرسىتىلىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى.
0:00 / 0:00