ۋاشىنگتون پوچتىسى: «رابىيە قادىر، خىتايدىن چەتئەلگە چىققان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ئىچىدىكى تەسىرى كۈچىيىۋاتقانلارنىڭ بىرى»
2012.05.01
خىتايدىكى ئەما كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئامېرىكىدا پاناھلىنىش ئېھتىمالى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكىغا قېچىپ چىققان بارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى مەسىلىسىنى قايتىدىن كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى خىتايدىن قېچىپ چىققان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ ھازىرقى پائالىيەتلىرى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ تونۇشتۇرۇلغان. ماقالىدە ئۇنىڭغا، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋام قىلىپ، داۋاملىق يۇقىرىغا ئۆرلەۋاتقانلارنىڭ بىرى، دەپ باھا بېرىلگەن. رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىئومىزغا بايانات بېرىپ، ئۆزىنىڭ نەتىجە قازىنىشىدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە توختالدى.
خىتايدىكى ئەما كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى چېن گۇاڭچېن نەزەربەندتىكى ئۆيىدىن قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئامېرىكىدا پاناھلىنىدىغانلىقى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ يېقىندا خىتايغا زىيارەتكە بارىدىغان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتوننىڭ خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولىدىغانلىقى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ كۈن تەرتىپىنى مەشغۇل قىلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
تۈنۈگۈن ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، چېن گۇاڭچېننىڭ ئىسمىنى بىۋاسىتە تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى ئۇچرىشىشلاردا داۋاملىق ئەڭ مۇھىم تېما بولۇپ كەلدى، ئامېرىكا خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ» دېدى.
ھازىر بۇ ھەقتە چىقىۋاتقان خەۋەرلەردە ھازىر چېن گۇاڭچېننىڭ ئامېرىكىدا پاناھلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتلار بولمىسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر ۋەقەلىكنىڭ تەرەققىياتىدىن، ئامېرىكىنىڭ چېنغا پاناھلىق بېرىدىغانلىقى، چېننىڭمۇ بۇنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكىغا كېلىدىغانلىقى ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن، دەپ قارىماقتا. چېن گۇاڭچېنغا ئوخشاش بىر داڭ چىقارغان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپىنىڭ خىتايدىن چىقىپ ئامېرىكىدا پاناھلىنىش ئېھتىمالى ھازىر كۆزەتكۈچىلەردە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى پەيدا قىلدى. چۈنكى، 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىن كېيىنكى يىللاردا خىتايدىن چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى سۇغا چۈشكەن تاشتەك يوقاپ كەتكەن مىساللارمۇ ئاز بولمىغانلىقتىن، بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر چېن گۇاڭچېننىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى ئىجابىي ئەھۋال دەپ قارىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىدە ھازىرقىدەك نەتىجە يارىتالايدىغانلىقىدىن گۇمانلانماقتا. مەسىلەن، ۋاشىنگتون پوچتىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە چېن گۇاڭچېننى ئامېرىكىدا پاناھلىنىشتىن ئاۋۋال مۇشۇ ئېھتىماللىقنى كۆزدە تۇتۇشقا ئەسكەرتكەن.
«چېن گۇاڭچېن ئامېرىكىدا پاناھلىنىشتىن ئىلگىرى شۆھرىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى دەڭسەپ كۆرۈشى كېرەك» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان مۇلاھىزىدە خىتايدىكى دېموكراتىيىلىك ھەرىكەتلەردە رول ئالغان ۋە كېيىن ئامېرىكىغا كېلىپ ياشاۋاتقان بەزى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋاللىرى مىسال كەلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭدا، 16 يىل خىتاي تۈرمىسىدە ياتقاندىن كېيىن ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان شۈ ۋېنلى، تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىن كېيىن قېچىپ چىققان لى لۇ، فاڭ لىجى قاتارلىق ئاكتىپلار چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلالمىغانلىقتىن، نەتىجىدە دېموكراتىيىلىك ھەرىكەتلەردىكى رولى ۋە تەسىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى مىسال قىلىنغان ۋە بۇندىن سىرت يەنە، ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىنمۇ ئاكتىپ ھالدا دېموكراتىك پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقان ساناقلىق ئۆرنەكلەردىن مىسال بېرىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئەنە شۇ ساناقلىق ئۆرنەكلەرنىڭ بىرى. ماقالىدە ئۇ، ئامېرىكىغا چىققاندىن كېيىنمۇ ئۆز تەسىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن ۋە ئامېرىكا سابىق پرېزىدېنتى بۇشنىڭ ئىككى قېتىم قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن ساناقلىق كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى قاتارىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيىلىك تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە، ئاخىرى 2005-يىلى تۈرمىدىن ئازاد قىلىنىپ، ئامېرىكىدىكى ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. ۋاشىنگتون پوچتىسى ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىنمۇ ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ سېيماسى ھالىغا كەلگەنلىكىنى نەقىل قىلغان.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتىنى ئوڭۇشلۇق داۋام قىلغان ساناقلىق بىر قانچە كىشىنىڭ بىرى بولالىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ نەتىجىسىنى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ۋە بارلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە خەلقىنىڭ قىزغىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر خانىم يەنە، مىللىي داۋادا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىيىنى ياقىلايدىغان ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىغا بولغان قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىكنىڭ ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئورتاق نىشان ئاستىدا زىچ ئۇيۇشۇشقا چاقىردى.