رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئەنگىلىيە ۋەتەندىشى ئاقمال شەيىخ ۋەقەسى ھەققىدە سۆھبەت

ئەنگىلىيە ۋەتەندىشى ئاقمال شەيىخقە ئۈرۈمچىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى دۇنيادا كۈچلۈك غۇل - غۇلا پەيدا قىلدى. جۈملىدىدىن ۋەقەنىڭ تەسىرى خىتاي ۋە ئەنگىلىيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت مۇنناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسىگە باردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-01-06
Share
Rabiye-xanim-aqmal-sheyiq-Engliye-Xitay-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﻗﻤﺎﻝ ﺷﯧﻴﯩﺦ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﯜﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
www.guardian.co.uk ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۈگۈن ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئاقمال شەيىخ ۋەقەسى ھەققىدە رادىيومىزغا تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى. رابىيە خانىم سۆزىدە، ئۇيغۇرلارغا بېرىلىۋاتقان ئۆلۈم جازالىرى بىلەن ئاقمالغا بېرىلگەن ئۆلۆم جازاسى ئارىسىدىكى سەۋەپ - نەتىجە مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالدى.

سوئال: ئاقمال شەيىخنىڭ ئۆلۈم جازاسى ناھايىتى چوڭ بىر ۋەقە بولدى ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسدىكى مۇناسىۋەتكە تەسىر يېتىش دەرىجىسىگە باردى. ئاقمالغا ئۆلۈم جازاسى ئۈرۈمچىدە بېرىلدى؛ يەنە كىلىپ 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىگە قاتناشقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەردى. شۇڭا سىز مۇشۇ ئاقمال شەيىخنىڭ ئۆلۈمگە بۇيرۇلۇشى ۋە بۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان خەلقئارا ئىنكاسلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلىدىڭىز، نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟

جاۋاب: ئالدى بىلەن ئىنساندارچىلىق نۇقتىسىدىن ئاقمال شەيىخنىڭ ئۆلۈمىگە ئېچىندىم، بولۇپمۇ ئۇنىڭ بىر زېھنىي ئاجىز كىشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئېچىندىم. بىزنىڭ مىللىتىمىز، بۈگۈن مۇسىبەت ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، مۇشۇ 2 ئاي ئىچىدە نەچچە 10 قەھرىمان يىگىت ‏ - قىزلىرىمىز ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلدى. شۇڭا بىز ئۇيغۇرلار بۈگۈن ئوغلى ئۆلۈمگە بۇرۇلغان بىر ئانىنىڭ، يولدىشى ئېتىلىپ كەتكەن بىر ئايالنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ دەرت ھالىنى دۇنيادىكى ھەممە مىللەتتىن بەك تولۇق ھېس قىلالايمىز. شۇڭا مەن ئاقمال شەيىخنىڭ ئائىلىسىنىڭ تارتىۋاتقان ئازابى ئۈچۈن قايغۇرىمەن ۋە ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىمەن.

سوئال: ئاقمال شەيىخنىڭ ئۆلۈمى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى، خەلقئارا ئاخباراتتا ئۈزلۈكسىز خەۋەر تېمىسى بولدى. ئوخشاش جايدا، ئوخشاش شەھەردە، ئاساسەن ئوخشاش ۋاقىتتا ئۇيغۇرغا 5 - ئىيۇل ۋەقەسى سەۋەبلىك ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. سىزچە يۇقىرىقى ئىككىسىنىڭ تەسىرى يەنى خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى تارتىشى ئوخشاش بولدىمۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟

جاۋاب: ئوخشاش بولمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئېنىق: ئاقمال شەيخنىڭ دۇنيادىكى قۇدرەتلىك بىر دۆلەتنىڭ ۋەتەندىشى بولغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا دۆلىتى يېقىلغان ئەسىر بىر مىللەتنىڭ ئەزاسى بولۇشى.

سوئال: بۇ خىل پەرقنى كۆرگەن چېغىڭىزدا، قىلىۋاتقان ئىشىڭىزدىن سوۋۇيدىغان، كەلگۈسىدىن ئۈمىدسىزلىنىدىغان كەيپىيات بولمىدىمۇ سىزدە؟

جاۋاب: ھەرگىز بولمىدى. بىز ئالدى بىلەن بۇ ئىشنى ئاللاھغا ئىشىنىپ قىلىۋاتىمىز. شۇڭا ئۈمىدسىزلىك بىزگە يېقىنلىشالمايدۇ. بىز بۈگۈنگىچە دەپ كەلگەن بەزى ئەھۋاللارغا دۇنيا ئىشەنمەي كەلگەن. مەسىلەن بىز خىتاي ئۆلۈم جازاسى بېرىشتە زېھنىي ساغلاملىقى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ، دېسەك دۇنيا ئىشەنمەيتتى، مانا بۇ قېتىم كۆردى. بىز بۈگۈنگە قەدەر مەۋجۇت خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر - تىبەتلەرگىلا ئەمەس، قوشنا ئەللەرگە، دۇنيا خەلقىغە تەھدىت دېگەن ئىدۇق، ئىشىنىپ كەتمىگەن، مانا ئەمدى كىچىك بىر مىسالىنى كۆردى. بىر ئەنگىلىيە ۋەتەندىشىمۇ خىتاينىڭ ئادالەتسىز سوتىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى. مەن ئىشىنىمەنكى، دۇنيا بۇنىڭدىن دەرس ئالىدۇ. ئەگەر دۇنيا جامائەتچىلىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۇرگۇزگەن ئۆلۈم جازالىرىغا جىددىي شەكىلدە ئىنكاس قايتۇرغان، دۆلەتلەر خىتاينى چەكلەش ۋە جازالاش تەدبىرىنى قوللانغان بولسا؛ بىر ئەنگىلىيە ۋەتەندىشىنى زېھنىي ئاجىزلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان ئەھۋالدا ئۆلۈمگە بۇيرۇشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. بولۇپمۇ دۇنيانىڭ خەيرىنسا ساۋۇتنىڭ ئۆلۈمىگە ئىنكاس قايتۇرماسلىقى خىتاينى جاسارەتلەندۈردى. 18 ياشلىق بىر قىز، نامايىشقا قاتناشقىنى ۋە نامايىشتا ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈنلا ئېتىلىپ كەتتى. ئەلۋەتتە خىتاي خەيرىنسانى ئادەم ئۆلتۈردى دېدى، ئەمما دۇنيا، ئۇ قىز كىمنى ئۆلتۈردى، قانداق ئۆلتۈردى، نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈردى دەپ سوراپ قويمىدى. خىتاي جاسارەتلەندى. ئاقمال شەيىخنى ئۆلتۈرۈشتىمۇ ئىككىلەنمىدى. 18 ياشلىق نامايىشچى خەيرىنسانىڭ ئۆلۈمىگە سۈكۈت قىلغان دۇنيانى، خىروئىن ئەتكەسچىسى دەپ سوتلىغان ئاقمال شەيخنىڭ ئۆلۈمىگىمۇ سۈكۈت قىلىدۇ دەپ ئويلىدى.

سوئال: ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاقمال شەيخ ھەققىدىكى تىرىشچانلىقلىرىغا قانداق قارايسىز؟ سىزچە ھۆكۈمەتنىڭ تىرىشچانلىقى يېتەرلىك بولدىمۇ؟

جاۋاب: ئەنگىلىيە ئاقمال شەيخنىڭ ۋەقەسىگە يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتتى؛ بىراق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتە كېچىكتى. ئەنگىلىيە ھازىرغىچە خىتايدا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلۈم جازالىرىغا بىرەر قېتىم قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ باقمىدى. ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەندە قۇلاق يوپۇرۇۋالدى. بۇ ئارقىلىق خىتاينى جاسارەتلەندۈردى. بۇ ۋەقەدىن پۈتۈن دۆلەتلەر دەرس ئېلىشى كېرەك، زوراۋانلىققا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشنىڭ ھەممە ئادەمگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك.

سوئال: ئۇيغۇرلار خىروئىننىڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان بىر مىللەت. ئاقمال شەيخنىڭ خىروئىن ئەتكەسچىسى دەپ قارىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇتۇلۇشى، سىزنىڭ ئاقمال شەيخ ۋەقەسىدىكى قارىشىڭىز ياكى ھېسسىياتىڭىزغا سەلبىي نۇقتىدىن تەسىر قىلمىدىمۇ؟

جاۋاب: ياق. چۈنكى مەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىروئىن ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسىنى ئۇ يەردىكى قانۇن - تۇزۇمنىڭ بوشلۇقى، قانۇننى ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ ناپاكلىقى مەسىلىسى دەپ قارايمەن. ئۇيغۇرلارغا كېلىۋاتقان خىروئىن ئاپىتىدە شەخسلەرنى ئەمەس، ھۆكۈمەت ۋە قانۇننى ئەيىبلەيمەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (1)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

Anonymous says:
Jan 07, 2010 05:27 AM

ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﮕﯘﻧﺎ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺳﻪ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﯘﻻﺭ، ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺗﻜﻪﺳﭽﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺴﺎ ﺋﯘﻟﺘﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﭘﺘﯘﺩﻩ ﺑﯘ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻼﺭ .... ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻼﺭﻛﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﻣﯧﺮﻛﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ؟

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت