رابىيە قادىر خانىم ياۋروپاغا پائالىيەتلەر ئۈچۈن يولغا چىقتى

ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، شۋېتسارىيىدە ئېچىلىدىغان ئىككى خەلقئارالىق يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن سەيشەنبە كۈنى جەنۋەگە قاراپ يولغا چىقتى. رابىيە قادىر خانىم، بۇ قېتىم جەنۋەدە قاتنىشىدىغان ئىككى خەلقئارالىق يىغىننىڭ بىرى 4 ‏- نۆۋەتلىك دۇنيا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش يىغىنى، يەنە بىرى بولسا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئالىي يىغىنى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010-02-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 1 - ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺮﯗﻳﯘﺳﺴﯧﻠﺴﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺵ ﺷﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﻐﺎ 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 1 - ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺮﯗﻳﯘﺳﺴﯧﻠﺴﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺵ ﺷﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﻐﺎ 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
AFP Photo

بۇ ئىككى يىغىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىللىق خەلقئارا يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

رابىيە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى جەنۋە سەپىرىنىڭ كونكرېت كۈنتەرتىۋىگە دائىر مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، رابىيە قادىر خانىم بىلەن بۇ قېتىملىق سەپىرى توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت