رابىيە خانىمنى كۈتۈپ تۈرغان ئاۋستىرالىيىنىڭ ئا ب س تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە ئاۋىتىراليان گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولۇشۇپ سوئاللار ياغدۇرۇشتى.
ئۇ مۇخبىرلارنىڭ ئۇرۇمچىدىكى تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان بالىلىرى ۋە ئاكىسى تەرىپىدىن يېزىلغان خەت ھەققىدە سورالغان سوئاللىرىغا مۇنداق جاۋاب بەردى: " بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنيادىن ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بىر نومۇسسىز چارىسى، مىنىڭ پەرزەنتلىرىم ئۇز ئىختىيارى بىلەن ئانىسىنى ئەيىبلىمەيدۇ. خىتاي بۇ چارىسى بىلەن مېنى كونترول قىلالمايدۇ، ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرەلمەيدۇ. 5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرالمايدۇ. ئەكسىچە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئۆزلىرىنىڭ قانچىىلىك زالىم ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئىسپاتلىدى."
رابىيە خانىمنىڭ بۇ قىتىمقى زىيارىتىنىڭ سەۋەبى مىلبورىن خەلقئارا كىنو فىستىۋالىغا قاتناشتۇرىلىدىغان، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى يولىدا ئىلىپ بارغان كۇرەشلىرى مەزمۇن قىلىنغان "سۆيگۈنىڭ 10 شەرتى" ناملىق ھۇججەتلىك فىلىم ئىكەن.
بۇ فىلىمنىڭ فىستىۋالغا قاتناشتۇرۇلۇشى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئۇرۇمچىدىكى قىرغىنچىلىقتىن كېيىن، رابىيە خانىم ۋە ئۇيغۇرلار ئەڭ مۇھىم تىمىغا ئايلىنىپ ئاۋستىرالىيىدىكى تېلېۋىزىيە،گېزىت، رادىئولاردا ھەر كۈنى دېگىدەك خەۋەرلەر بىرىلىۋاتىدۇ. بۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېجىڭ دائىرىلىرى ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتىگە، فىستىۋال تەشكىلى ئورگىنىغا بار كۈچى بىلەن توسقۇنلۇق قىلىپ ۋە تەھدىتلەر سىلىپ، رابىيە خانىمغا ۋىزا بەرمەسلىكنى، فىلىمنى فىستىۋالغا قاتناشتۇرماسلىقنى قاتتىق تەلەپ قىلغان، مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان خىتاي 5 فىلىمىنى، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن بىردىن، ئىككى فىلىمنى فىستىۋالغا قاتناشتۇرۇشتىن قالدۇرۇپ، بايقۇت قىلغان.
خىتاي كومپىيوتېر بۇزغۇنچىلىرى فىستىۋال تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ كومپىيوتېرلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. بۇ فىلىم 2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئىكراندا تۈنجى قېتىم قويۇلىدىغان بولۇپ، بىلەت تامامەن سېتىلىپ بولغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئاۋستىرالىيىگە يېتىپ كەلگەن 2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچ سائەت 7 دە ئاۋستىرالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سېدنىي شەھىرىنىڭ ئوبۇرن رايونىدىكى ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە تۈرك جەمئىيىتىنىڭ زالىدا 200 گە يىقىن تۇرك ۋە ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇرۇمچىدىكى قانلىق قىرغىنچىلىق ھەققىدە ئومۇمى دوكلات بەردى . مۇخبىرلار ۋە يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
ئەزەربەيجان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نىمەمەتىن ئەپەندى سۆز قىلىپ: "مۇستاپا كامال تۈركلەرگە ئاتا تۈرك بولغان، سىز، تۈركلەرگە ئانا تۈرك بولۇشقا ھەقلىقسىز،" دېدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.