رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ 'ئولىمپىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ' دەپ ئەيىبلىگەنلىكىگە رەددىيە بەردى
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.05.30
2008.05.30
Photo: RFA
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئەيىبلىشىگە رەددىيە بەردى. رابىيە خانىم سۆزىدە كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتى يوق دەپ كۆرسەتتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ خەۋىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسانى 'ياپونىيىگە بارغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنى يولغا قويۇۋاتىدۇ، دەپ ئىغۋا تارقاتتى' دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە رەددىيە بەردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ خەۋىرىدە يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىمۇ 'خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇزۇتۇش دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتا كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتى كەلتۈرۈۋاتىدۇ، دەپ ئىغۋا تارقاتتى' دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ بۇ كونكرېت مەزمۇن بۇيىچە خىتاي ھۆكۈمىتىگە رەددىيە بەردى.