رابىيە قادىر خانىم 200 يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خىتايدا پات يېقىندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك يېڭى بېسىملىرى، ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسى، تېخى يېقىندا خوتەندە 6يۈزدىن ئارتۇق ئاياللارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تىنچلىق نامايىشىنىڭ باستۇرۇلۇش ئەھۋالى شۇنداقلا تىبەت مەسىلىسى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە 2 سائەتتىن ئارتۇق تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتتى.
يىغىن زالىدىكى ئوقۇغۇچىلار بەس - بەس بىلەن سوئال سوراپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان زور قىزىقىشىنى، ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ھالىغا ئىنتايىن ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئالىم سېيتوف ئەپەندى بېرگېندىكى خىزمەت زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 13 - ئاپرېل كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دە نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.
ئوسلو ۋە ئوسلو ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆتۈرۈشۈپ، كىچىك دوستلار گۈل - دەستىلەرنى سوۋغا قىلىپ ئۇلارنى داغدۇغۇلۇق كۈتۈۋالدى.
0:00 / 0:00