رامزاندا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ھەق-ھوقۇقلىرى تېخىمۇ قاتتىق دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىماقتا
2012.07.18

ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش خىتاينىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، بولۇپمۇ رامزان ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت -بايرام مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىگە تېخىمۇ ئېغىر چەك قويۇپ، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن نورمال دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغىمۇ توسقۇنلۇق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئىلگىرىكى يىللاردىكى رامزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەخسۇس بەلگىلىمە ۋە يەرلىك نىزاملارنى چىقىرىپ ئۇيغۇر ئېلىدە، دۆلەت مەمۇرلىرى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار، قورۇمىغا يەتمىگەنلەر ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بىردەك مەسچىتلەرگە كىرىش، ناماز ئوقۇشى، روزا تۇتۇشى ھەتتا جۈمە ۋە ھېيت نامىزىغا قاتنىشىشىنىڭمۇ چەكلەنگەنلىكى، رېستورانلارنىڭ بىردەك رامزاندا سودا توختىتىشىغا يول قويۇلمىغانلىقى، بەزى ئورگانلارنىڭ خىزمەتچىلەرنىڭ روزا تۇتۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى مەجبۇرىي چۈشلۈك غىزاغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، ھەتتا رامزاندا بەزى مەسچىتلەرگە خىتاينىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقى تاقىلىپ، ھەر جۈمە نامىزى، ھېيت نامىزى ۋاقتىدا ئاممىنى بايراق چىقىرىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىدەك ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە دەخلى تەرز ھەرىكەتلىرى پاش بولغان ئىدى.
ئىلگىرى دائىرىلەر نورمال ئوقۇ ئوقۇتۇش خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ دېگەن سەۋەبنى كۆرسىتىپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەپ كەلگەن ئىدى.
بۇ يىل ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنىدە رامزان ئىبادىتىنى باشلايدۇ، دېمەك بۇ قېتىمقى 30 كۈنلۈك رامزان ئېيى، ئەمدىلا مەكتەپلەر يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەن مەزگىلگە توغرا كەلدى، ھالبۇكى، رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مائارىپ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى جايلاردا مەكتەپلەر تەتىلگە قويۇپ بېرىشنىڭ ئالدىدىلا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى «رامزان مەزگىلىدىكى مۇقىملىق، بىخەتەرلىككە مەسئۇلىيەتنامىسى» غا قول قويدۇرغان ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەتىل ۋاقتىدا روزا تۇتماسلىق، ھەر قانداق يۈسۈندىكى دىنىي پائالىيەتكە قاتناشماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تەدبىرلەرنى قوللانماقتا ئىكەن.
دائىرىلەر تارقاتقان «رامزان مەزگىلىدىكى مۇقىملىق، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەتنامىسى» دا مۇنداق كۆرسىتىلگەن:
«تەتىل مەزگىلىدىكى جەمئىيەت، مەكتەپ، ئائىلە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇقىملىق، بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇلارغا باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ روھى جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، جەمئىيەتتىكى يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىنى بۇرمىلاپ، يامان يوللارغا باشلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش، دىن ئۆگىنىش، روزا تۇتۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش......يازلىق تەتىلنى تىنچ بىخەتەر ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاندى، ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىڭلارنى سورايمىز.»
ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ ۋە ئائىلە باشلىقلىرى تەرىپىدىن ئىمزالىنىش تەلەپ قىلىنغان بۇ مەسئۇلىيەتنامىدە، مەكتەپنىڭ مەسئۇلىيىتى-ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى روزا تۇتماسلىق، ھەر قانداق دىنىي پائالىيەتكە قاتناشماسلىققا ئىدىيىۋى تەربىيە ئىشلەش، مەسىلە كۆرۈلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش... ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى-ماركسىزملىق ئاتېئىزم مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ ھەر قانداق دىنىي پائالىيەتكە قاتناشماسلىق ۋە ئوقۇغۇچىلارغا بۇ ھەقتە تەربىيە ئىشلەش ھەمدە دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك ئاتا-ئانىلارغىمۇ سىياسىي تەربىيە ئىشلەش، مۇقىملىق، بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك گۇمانلىق ئىش ۋە ئادەملەرنى بايقىغان ھامان مەلۇم قىلىش..... ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى-بالىلارنىڭ دىن ئۆگىنىشىگە، ناماز ئوقۇشىغا، روزا تۇتۇشىغا، مەسچىتكە كىرىشىگە يول قويماسلىق، دىنىي ئىدىيىلەرنى سىڭدۈرمەسلىك لازىم....
ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بولسا «دىنغا ئىشەنمەسلىك، دىنىي پائالىيەتكە قاتناشماسلىق.... ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز سۆز، ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق...» دېگەندەك مەزمۇنلاردىن ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
جايلاردا مەزكۇر مەسئۇلىيەتنامە قانداق يوسۇندا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى مەكتەپ ۋە مائارىپ ئورۇنلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن، بارلىق مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىلگە قويۇپ بېرىلىشتىن بۇرۇن بۇ خىل مەسئۇلىيەتنامىگە قول قويغانلىقى، تەتىل قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، تەتىل ئاياغلاشقانغا قەدەر ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر جۈمە كۈنى مەكتەپكە كېلىپ يوقلىمىدىن ئۆتۈشى ۋە سىياسىي تەربىيىگە قاتنىشىشى شەرت ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.
ئۈرۈمچىدىكى بىر ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپتە نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچى، بۇنىڭ يىللاردىن بۇيان رامزان مەزگىلىدە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تەدبىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
قەشقەر يېڭىشەر ناھىيىسىدىكى بىر تولۇق ئۇتتۇر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ھەممە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەمدە ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيەتنامىگە ئىمزا ئاتقانلىقىنى، مەكتەپ ھەمدە دائىرىلەرنىڭ ھەتتا مەسچىتلەرنىڭمۇ قورۇمىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇشتىن توشۇيدىغانلىقىنى، كېلەر يىلى ئۆزىنىڭ 18 ياشقا كىرگەندىن كېيىن نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىنى باشلاش ئۈمىدى بارلىقىنى بىلدۈردى.
قەشقەر پەيزاۋات ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان بىر كادىر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر قانداق دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى، ئەگەر خىلاپلىق قىلغانلار بايقالسا تېگىشلىك چارە كۆرۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.