رەسسام مەرۋايىت خانىم 'ھامبۇرگ مىللەتلەر مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى' دە

ئالدىنقى ھەپتىدە، گېرمانىيىنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە خەلقئارالىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر رەسسامى مەرۋايىت ھاپىز خانىممۇ قاتناشقان.

0:00 / 0:00

مەرۋايىت خانىم چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر رەسساملىرى ئىچىدە ، ئىزچىل ھالدا رەسىم ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان رەسساملارنىڭ بىرى. ئۇ كوپ قېتىم ياۋروپا ئەللىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا رەسىم كۆرگەزمىلىرىگە قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئىپادىلەنگەن رەسىملىرى بىلەن خەلقئارا رەسىم ساھەسىدە نەتىجە قازانغان ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ بىرى بولۇپ تونۇلۇش بىلەن بىللە، ئۇيغۇرلار ھەم ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تونۇلۇشىدىمۇ ئۆز ھەسسىسىنى قوشماقتا.

Merwayit-Xanim-Korgezmisi-1-305.jpg
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﻩﺳﺴﺎﻡ ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺖ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ 'ﻫﺎﻣﺒﯘﺭﮒ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﯩﺴﻰ' ﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﯩﮕﻪ ﺗﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯚﺵ. (ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﺭﻩﺳﺴﺎﻡ ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺖ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.)

رەسىم كۆرگەزمىسىدىن يېڭىلا قايتىپ كەلگەن مەرۋايىت خانىم، بۈگۈن ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. مەرۋايىت خانىم سۆھبەت جەريانىدا، بۇ نۆۋەتلىك مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنىڭ ئەھۋالى، ھەم ئۆز رەسىملىرىدە ئىپادىلەنگەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت روھى، ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبى قاتارلىقلار ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مەرۋايىت خانىم بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.