'باتۇرلارنىڭ كۆز يېشى، ئويغان ئۇيغۇر' رومانى ۋە رەسسام نېيىمجان ئەپەندى

بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ياپونىيىدە ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ " ئىز "، "ئويغانغان زېمىن " ناملىق رومانلىرى ئاساسىدا تەرجىمە قىلىنغان، "باتۇرلارنىڭ كۆز يېشى، ئويغان ئۇيغۇر " ناملىق كىتاب ياپون تىلىدا نەشر قىلىنغان ئىدى.

0:00 / 0:00

ياپونىيىنىڭ مادۇكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بۇ كىتابنى، ياپونىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇتەخەسسىسى ئايۇكو ئازۇما خانىم، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر ئەدىب ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ " ئىز " ۋە " ئويغانغان زېمىن" ناملىق 2 تارىخى رومانى ئاساسىدا تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغان بولۇپ، كىتابقا ئۇيغۇر رەسسامى نېيىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ ياپونىيىدە سىزغان "كارۋان" ناملىق ماي بوياق رەسىمى مۇقاۋا قىلىنىپ ئىشلىتىلگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نېيىمجان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۆزىنىڭ رەسساملىق ئىجادىيىتى جەريانىدا ئاساسىي ئىجادىيىتىنى "يىپەك يولى" تېمىسىغا بېغىشلىغان نېيىمجان ئەپەندى، كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا ئىشلىتىلگەن بۇ رەسىمنىڭ ئۆزىنىڭ ياپونىيىدە نەشر قىلىنغان يىپەك يولى تېمىسىدىكى رەسىملەر توپلىمىنىڭ 25 - بىتىكى "كارۋان" ناملىق ماي بوياق رەسىمى بولۇپ، ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ بۇ رەسىمنى 1992 - يىلى ئۆتكۈر ئەپەندىنى زىيارەت قىلغان چېغىدا، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ يىپەك يولىدىكى كارۋان ھەققىدە بىر رەسىم سىزىش تەكلىپى بىلەن ئارىدىن 14 يىل ئۆتكەندىن كېيىن 2006 - يىلى ياپونىيىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۇچۇن سىزىلغان رەسىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

سۆھبەت جەريانىدا نېيىمجان ئەپەندى، كىتابقا مۇقاۋا قىلىپ ئىشلىتىلگەن "كارۋان " ناملىق ماي بوياق رەسىمنىڭ ئىجات قىلىنىشىدا ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئەپەندى ھەم ئۇنىڭ "ئىز" ۋە " ئويغانغان زېمىن" ناملىق تارىخى رومانلىرىنىڭ تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سۆھبەت ئاخىرىدا، نېيىمجان ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىدە ئاساسلىق ئىجادىيىتىنى يەنىلا "يىپەك يولى" ۋە ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىغا بېغىشلايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۆۋەندە نېيىمجان ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى ئاڭلايسىلەر.