
"مۇھەممەت رىزا بېكىننىڭ ئەسلىمىلىرى" ناملىق كىتاب ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى كاشتاش نەشرياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىلىتىلىشقا باشلىدى.
ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پەخرى رەئىسى، پېنسىيىگە چىققان گەنەرال مەھمەت رىزا بېكىننىڭ كەچۈرمىشلىرى خاتىرىلەنگەن 250 بەتلىك بۇ كىتاپتا، گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىننىڭ 1925-يىلىدا خوتەندە تۇغۇلغانلىقىدىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە بولغان ھاياتى ھەققىدە ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇمات بېرىلگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئىزتىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم كىتابنىڭ ئاپتورى، گېنېرال مۇھەممەت رىزا بېكىن ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، ئاپتورنىڭ كىتابنى يېزىشتىكى مەقسىدى ۋە كىتابتىكى مەزمۇنلار ھەققىدە سوئاللارنى سورىدى.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.