روزا بىلەن خەير - ئىھساننىڭ مۇناسىۋىتى

مۇسۇلمانلارغا ھەر يىلى بىر ئاي روزا تۇتۇش ئىبادىتى باشقىلارغا ياردەم قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ نەپسىنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىش مەقسەت قىلىنغان بىر ئىبادەت بولۇپ، روزا تۇتقان ئادەم ياردەمسۆيەرلىكنى ئۆگىنىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2010.08.16
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Dua-qilish-305.jpg Youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.
Youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇلېتىپ ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇلېتىپ ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇلېتىپ ھاجىم روزىنىڭ ئادەمگە باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى، يوقسۇللارنىڭ ھالىغا يېتىشنى ئۆگىتىدىغان ئىبادەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: "روزا تۇتۇشنىڭ ئىجتىمائىي پايدىلىرىمۇ بولۇپ، روزا تۇتقان كىشى كۈندىلىك يېمەك - ئىچمەكلىرىنى ھاسىل قىلىشقا قادىر بولالمىغان بىچارىلەرنىڭ، يېتىم - يېسىر ۋە يوقسۇللارنىڭ ھالىنى چۈشىنىدۇ. چۈنكى ئاچلىقنىڭ دەردىنى چەكمىگەن كىشى ئاچلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇ ئۆزى توق يۈرگەنلىكتىن ھەممە كىشىنى ئۆزىگە ئوخشاش توق ھېس قىلىدۇ. ئەگەر روزا تۇتۇپ ئاچلىقنىڭ ئازابىنى تارتىپ كۆرسە، بۇ ۋاقىتتا كۈنلۈك ئۇزۇقىنى تاپالمىغان بېچارىلەرنىڭ ھالىنى چۈشىنىدۇ - دە، ئۇلارنىڭ ھاللىرىدىن خەۋەر ئېلىپ، ياردەم قىلىشنى ئۆزى ئۈچۈن ئىنسانىي بۇرچ دەپ بىلىدۇ. بىراۋنىڭ ھەقىقىي مۇسۇلمانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئۇنىڭ قەلبىنىڭ يۇمشاق بولۇشى، ئۆزىنىلا ئويلىماستىن باشقىلارنىمۇ ئويلىشى، مېھىر - شەپقەتلىك بولۇشى ۋە كىشىلەرگە كۆيۈمچان بولۇشىدۇر. ئاللاھ تائالا ناھايىتى شەپقەتلىك بولۇپ، ئۇ پەقەت شەپقەتلىك كىشىلەرگىلا رەھىم - شەپقەت قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: "شەپقەتلىك كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا رەھىم قىلىدۇ، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرگە رەھىم - شەپقەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاسماندىكى زات(ئاللاھ تائالا) رەھىم قىلىدۇ." يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام مىسىرنىڭ خەزىنىسىگە مەسئۇل بولغان ۋاقىتلاردا روزىنى كۆپ تۇتىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە سورالغىنىدا: "مەن توق يۈرسەم، پېقىرلارنىڭ ئاچلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشىمدىن قورقىمەن" دېگەن ئىكەن."

روزا ئىرادىنى كۈچەيتىدىغان ئاي

ئابدۇلېتىپ ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى: "رامىزان ئېيى ئىرادىنى كۈچەيتىش ۋە سەبىرچانلىقنى ئۆگىنىش ئۈچۈنمۇ ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر. روزا تۇتقان كىشى ئالدىدا يېمەك - ئىچمەك تەييار تۇرۇپ ئاچلىققا ۋە ئۇسسۇزلۇققا بەرداشلىق بېرىدۇ. ئۇنى يېيىش، ئىچىش ۋە ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن پەقەت ئۇنىڭ ۋىجدانى توساپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ يېنىدا نازارەت قىلىدىغان ئاللاھ تائالا بىلەن ۋىجدانىدىن باشقا ھېچبىر نازارەتچى يوقتۇر. شۇڭا گېرمانىيىلىك بىر پسىخولوگىيە دوكتۇرى "ئىرادىنى تىكلەش ۋە كۈچلەندۈرۈشنىڭ ئامىللىرى" ناملىق كىتابىدا: "ئىرادىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئامىل روزا تۇتۇشتۇر" دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ كىشىگە سەبىر ئۆگىتىدىغانلىقى توغرىلىق: "روزا تۇتۇش سەبىرنىڭ يېرىمىدۇر" دېگەن. چۈنكى ئىنساندا ئۈچ خىل كۈچ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى، نەپسىي ھەۋەس كۈچى، ئىككىنچىسى، يىرتقۇچ ھايۋانلاردا بولىدىغان غەزەپ كۈچى، ئۈچىنچىسى، پەرىشتىلەردە بولغاندەك روھىي كۈچتۇر. ئىنساننىڭ روھىي كۈچى يۇقىرىقى ئىككى كۈچنى بېسىپ ئۆتەلىگەندە، ئۇ يېرىم سەبىرنى ھاسىل قىلغان بولىدۇ. رامىزاندا مۇسۇلمان كىشى نەپسىي ھەۋىسىنى ۋە غەزىبىنى روزىنىڭ يۈزىسىدىن تەرك ئېتىدۇ. مانا بۇ، سەبىرنىڭ يېرىمىنى ھاسىل قىلغانلىق. ئۆز نەپسىنىڭ ھەۋەسلىرىنى يېڭەلمىگەن كىشى دۇنيانىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى يېڭەلمەيدۇ. بېرەر كۈنلۈك ئاچلىققا چىدىمىغان كىشى، ئۇلۇغ نىشانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقىمۇ چىدىيالمايدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.