رۇسىيە، خىتاي ۋە غەربكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىگە ئىتتىپاقچى ئىزدەۋاتىدۇ

ئۆتكەن جۈمە كۈنى موسكۋادا رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى ئېچىلىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيە بىرلىكتە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا بىرلەشمە ھەربىي قوشۇن قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاندى.

0:00 / 0:00

رۇسىيىنىڭ مەقسىتى ئۆزىگە ئىتتىپاقچى ئىزدەش

مەزكۇر كېلىشىم بويىچە رۇسىيىنىڭ باشلامچىلىقىدا كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى رامكىسى ئاستىدا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا ئادەم سانى بىر تۈمەندىن ئارتۇق بىر بىرلەشمە ھەربىي قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. كوللېكتىپ بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرىتارى بوردۇزھانىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر بىرلەشمە قوشۇننىڭ قارشى تۇرۇش مەقسىتى ئافغانىستاندىن كېلىدىغان تەھدىت ھەم زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ۋە تېررورچىلىققا تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت. كېلىشىم بويىچە بۇ قوشۇننىڭ قوماندانلىق مەركىزى موسكۋادا بولىدۇ، بىرلىككە كەلگەن ھەربىي قوماندانلىق سىستېمىسى ۋە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بولىدۇ، رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي خادىملىرىنى ھەقسىز تەربىيىلەپ بېرىدۇ.

ئامېرىكىدىكى جوھن خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رۇسىيە ۋە ياۋروئاسىيا تەتقىقاتى بويىچە ئۆزبېك مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەلىشىر ھەمىدوۋ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، رۇسىيىنىڭ گرۇزىيىگە ھۇجۇم قوزغاپ، ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتىيىنى مۇستەقىل قىلىشى بىلەن غەرب دۇنياسىنىڭ جىددىي نارازىلىقلىرىنى قوزغاپ، غەرب بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ئىختىلاپلار ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن. رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ رۇسىيىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، غەرب بىلەن كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرغان يېقىنقى ئون نەچچە يىل ئىچىدىكى ئەڭ سوغۇقچىلىق دەۋرى بولۇپ، موسكۋا بىر تەرەپتىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ ئەيىبلىشىگە دۇچ كېلىپ، ئۇنىڭ ۋاشىنگتون بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمۇ مۇرەككەپ بىر باسقۇچقا كىرىپ قالدى. رۇسىيە بۇ سەۋەبتىن خەلقئارالىق قوللاشلارغا مۇھتاج بولۇپ، مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆزىگە تارتىشقا ۋە باغلاشقا تىرىشماقتا.

رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەربىي قوشۇن قۇرۇشى خىتايغا قارىتىلغان

دوكتور خەمىدوۋنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكى ھېسابلانغان خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر خىتاي تەرەپ جەنۇبىي ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمىدى. ئالدىنقى ئايدا رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ بىلەن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى مەزگىلىدە ئۇچراشقاندا، خۇ جىنتاۋ دىپلوماتىيە نۇقتىسىدىن پەقەتلا رۇسىيىنىڭ كاۋكازىيىدىكى ھەرىكەتلىرىنى شۇنىڭدەك 2014 - يىلى سوچىدا قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئېچىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، رۇسىيە بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇپ، ئامېرىكا باشلىق غەربكە قارشى تۇرۇش پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىمىدى.

خەمىدوۋنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيىنىڭ بۇ قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيادا بىرلەشمە ھەربىي قوشۇن تۇرغۇزۇشى ئەمەلىيەتتە ئەينى ۋاقىتتىكى ۋارشاۋا شەرتنامىسىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ھەربىي قوشۇنىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇ بىر تەرەپتىن ناتو غا يەنە بىر تەرەپتىن خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

خىتاي رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيىدىكى كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى كۈتكەن

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر پروفېسسورىنىڭ قارىشىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، جۇڭگو گەرچە رۇسىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتكە مۇھتاج بولسىمۇ، لېكىن ئۇ رۇسىيىنىڭ كاۋكازىيە رايونىدىكى تەسىرىنىڭ بەك كۈچىيىپ كېتىشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. چۈنكى، گرۇزىيە - رۇسىيە ھەربىي توقۇنۇشى جۇڭگو ئۈچۈن كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كەلمەيدۇ.

بىر قىسىم خىتاي ۋە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى ئارىسىدا، خىتاي ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسسېتىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىسا، ئۇ چاغدا، تەيۋەن، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسىدە باشقىلارنىڭ پوزىتسىيىسىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا خىتاي ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى، بىر دۆلەتتىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل بولغان جايلارنى قوللىماسلىق، دېگەندەك تەھلىللەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى.

لېكىن، ئەلىشىر خەمىدوۋ نۆۋەتتە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيىنىڭ نېفىتلىرى ھەم تەبىئىي گازلىرىغا كۆز تىكىۋاتقانلىقىنىڭ رۇسىيىگە نىسبەتەن رىقابەت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنىڭ رۇسىيىنى بىئارام قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمدە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىپ، رۇسىيىنى رايوندىن سىقىپ چىقىرىشتىن ئەندىشە قىلغان. نۆۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىمۇ بەك قويۇقلاشقان. 28 - ئاۋغۇست كۈنى خۇ جىنتاۋ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ھارپىسىدا تاجىكىستان رەھبىرى ئىمامئەلى راخمان بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىزاھلىغان ئىدى.

ھازىرغىچە خىتاينىڭ تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان بىلەن زور كۆلەمدىكى ئېنېرگىيە ھەمكارلىق كېلىشىمى مەۋجۇت بولۇپ، قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا نېفىت تۇرۇبىسى ئىشلىمەكتە، خىتاي يەنە قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان بىلەنمۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ تەبىئىي گازلىرىنى سېتىۋېلىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان. ئەنە شۇنداق ئامىللار تۈپەيلىدىن رۇسىيە بارلىق ئاماللار بىلەن مەركىزىي ئاسىيانى ئۆزىگە ئىتتىپاقچى قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرماقچى ۋە رايوندا مەيلى ياۋروپا ئىتتىپاقى، مەيلى خىتاي ۋە ياكى ئامېرىكا بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھېچ قايسىسىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنى خالىمايدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.