رۇسلار ئارىسىدا 40 يىل ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلىغان ئادەم

ئۆز ۋەتىنى ۋە يۇرتىدىن ئايرىلىپ، باشقا مەملىكەتلەر ۋە خەلقلەر ئارىسىغا تارقىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى خېلى كۆپ. ئۆز مىللىي تىلى ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.06.12

رۇسىيىنىڭ سانكىتپېتېربۇرگ شەھىرىدە ياشايدىغان ھەمراجان ئەپەندى 40 يىلدىن بۇيان رۇسلار ئارىسىدا ئۆز كىملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر شەخستۇر.

ئەسلى قازاقىستاننىڭ يەركەت تەۋەسىدە تۇغۇلغان ھەمراجان ئەپەندى 16 يېشىدىن تارتىپ، رۇسلار ئارىسىدا ياشاشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ  سانكىتپېتېربۇرگ شەھىرىدە ياشاۋاتقانلىقىغا بۇ يىل 27 يىل بولغان. ھەمراجان ئەپەندى 5 يىلدىن بۇيان رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا "ئەمرەن" ناملىق تور بېتى چىقىرىپ، ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشنى تەشۋىق قىلماقتا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە تۈرلۈك مەسىلىلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا تىرىشماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Nov 30, 2009 06:57 PM

Ака сизга рахмат шунча жил шу русларнин арисида журуп уйгур тилини унтимай дурус созлап дунияга уйгурларнин кандак еканлигини ва канчелик дарижида чон утукларни елип корсатканларни тонуштуруп уйгурлар учун ечилган тор батларга чон рахмат етмакчиман оз аиламдин сизга чон утук бахит, ва худаимнин барган йешини уз аилиниз билан яхши яшашни тилаймиз саламатликка худаим шипалик килсун МИН ЯШАН