پاجىئەلىك 1934-1937-يىللار: سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ھەربىي جاسۇسلىرىنىڭ تەقدىرى (2)

ئادى مالىكوف خوجا نىياز ھاجىم بىلەن شېڭ شىسەينى ياراشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان شەخس بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىر سىياسىي پاجەلىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

0:00 / 0:00

يېقىندا تاتارىستاندىن رۇس تىلىدا تارقىتىلىدىغان «ئەسىرلەر ئاۋازى» ناملىق ئېلېكترونلۇق ژۇرنالدا 1930-يىللاردا ستالىن تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە ھەربىي سىياسىي مەسلىھەتچىلىك خىزمىتىگە ئەۋەتىلگەن تاتار مىللىتىدىن بولغان ھەربىي قوماندانى ۋە ئاتاقلىق ھەربىي جاسۇس ئادى مالىكوفنىڭ ھاياتىغا ئائىت ئۇزۇن بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.

20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي تارىخى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسىي ئىستراتېگىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ ئۆلكىنى ئۆزىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرى ئاستىدا تۇتۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولۇپ، موسكۋا ئۆزىنىڭ بۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە ھەتتا قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرىنى كىرگۈزگەن ئىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي-سىياسىي بىخەتەرلىك ساھەسى سوۋېت دۆلەت مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە ئۆز خادىملىرىنى ئەۋەتىپ، رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى ئىزچىل كۆزەتكەن . موسكۋا 1933-يىلى «ئېزىلگەن مىللەتلەرگە ياردەم بېرىش» ئەمەس، بەلكى مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتىنى قوللاش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، شېڭ شىسەينى يۆلەپ تۇرغۇزدى، ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋاسىتىچىلىكى بىلەن شېڭ شىسەي بىلەن ھەمكارلاشقان ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىنىڭ شېڭ شىسەي تەرىپىدىن تازىلىنىشىغا يول ئاچتى.

ئادى مالىكوف موسكۋا ئەۋەتكەن بەش كىشىلىك ھەربىي مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇ شېڭ شىسەينىڭ ھەربىي-سىياسىي ئىشلىرىغا مەسلىھەتچىلىك ھەتتا يېتەكچىلىك قىلاتتى. ئۇنىڭ ۋەزىپىلىرىدىن بىرى شېڭ شىسەي ۋە ماخمۇت مۇھىتى قوشۇنلىرىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشتىن ئىبارەت بولۇپ، بەش كىشىلىك گۇرۇپپىنىڭ ئەزاسى پاۋىل رىبالكو ماھمۇت مۇھىتىنىڭ قەشقەردىكى ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەسئۇل قىلىنغان ئىدى.

موسكۋا ئۈرۈمچىگە ئەۋەتكەن بەش كىشىلىك ھەربىي-سىياسىي رازۋېدكا گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، شۇنىڭدەك شېڭ شىسەينىڭ ئالىي ھەربىي-سىياسىي مەسلىھەتچىسى ئادى مالىكوف شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان بولسىمۇ، بىراق، شېڭ شىسەي ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ستالىنغا مەخپىي شىكايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ستالىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلىنىپ، پاجىئەلىك قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇپ، بىر ئۆمۈر ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆتۈپ، بۇ دۇنيادىن خوشلاشقان. بىراق، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىلگەن سەپداشلىرىدىن رىبالكو مارشاللىق، ئوبۇخوۋ ۋە كۇتىس گېنەرال لېيتىنانتلىق، شايمۇراتوف گېنېرال مايورلۇق ئۇنۋانلىرىغا سازاۋەر بولدى.