تارىخچى مەرھۇم سابىت ئابدۇراخماننىڭ "ئۇيغۇرنامە" قامۇسى نەشردىن چىقتى
2006.03.01
چەتئەلدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدا يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىغان شائىر، تارىخچى سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ ئۇزۇن يىللىق جاپالىق ئەمگىكىنىڭ مىۋىسى، ئۈچ توملۇق "ئۇيغۇرنامە" ناملىق كىتابى ئالماتىدا نەشر قىلىندى.
مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى 2005 – يىلى 7 – ئايدا كىتابىنى نەشرگە تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچراپ ۋاپات بولغان.
مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ مەزكۇر كىتابى مەرھۇمنىڭ ئائىلىسى ۋە ۋەتەنپەرۋەر ياشلارنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن، مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىدىن 7 ئايدىن كېيىن نەشردىن چىقتى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللادىن ئاڭلاڭ.
©
2006 Radio Free Asia