70% خىتاينىڭ جاۋابى: بىز جۇڭگولۇق بولۇشنى خالىمايمىز

خىتايدا مۇھىت بۇلغىنىشتىن، ساختا يېمەكلىكلەردىن، ساختا دورىلاردىن كېلىپ چىقىۋاتقان كېسەللىكنىڭ ئۈستىگە، ساختا داۋالاشتىن كېلىپ چىقىۋاتقان كېسەللىكلەر قوشۇلۇپ خىتاي پۇقرالىرىنى زار قاقشاتماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2011-11-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
بىر قانۇنسىز زاۋۇتنىڭ كۆلچىكىگە يىغىۋېلىنغان مەينەت ماي. 2011-يىلى 10-ماي چۇڭچىڭ.
بىر قانۇنسىز زاۋۇتنىڭ كۆلچىكىگە يىغىۋېلىنغان مەينەت ماي. 2011-يىلى 10-ماي چۇڭچىڭ.
Imaginechina

دوختۇرلارنىڭ دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان يىڭنىلەر بىلەن كېسەللەرگە ئوكۇل ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئەنخۈي ۋە خېنەن ئۆلكىلىرىدە پەيدا بولغان جىگەر ياللۇغى يۇقۇملۇق كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئېنىقلانغان سانى بۈگۈن 168 نەپەر كىشى بولغان. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى 29-نويابىر كۈنى بۇ توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيە ۋە فرانسىيە ئاخبارات ئورگانلىرى بۇ ھەقتە نەق مەيداندىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تېرىشقان. گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 29-نويابىردىكى مەلۇماتىدا بۇ كېسەللىكنىڭ ئەنخۈي بىلەن خېنەن ئۆلكىلىرى چېگرىلىنىدىغان يۇڭچېڭ شەھىرى ماچاۋ بازىرىدىكى بىر خۇسۇس ئىگىدارچىلىقىدىكى داۋالاش ئورنىدىن تارالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. 30-نويابىردىكى «جۇڭگولۇقنىڭ بالىسى بولامسىز؟» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بالىلار ئىكەن.

خىتايدىكى 10 مەشھۇر قەلەمكەشنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان تور يازغۇچىسى ليۇ يىمىڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ سەھىيە ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، مۇھىمى خىتايدىكى بالىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز بەختسىزلىككە يولۇقۇۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلغان. بالىلار بەختسىزلىكىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ پاجىئەلەرنىڭ بىرى بولۇۋاتقانلىقىنى، بالىلارنىڭ مەكتەپلەردە، ئائىلىلەردە، كوچىلاردا ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىدا 30-نويابىر ئېلان قىلىنغان «جۇڭگولۇقنىڭ بالىسى بولامسىز؟» ناملىق تەپسىلىي خەۋەردە ليۇ يىمىڭ ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي جەمئىيىتىدىكى مەسىلىلەر مۇنداق بايان قىلىنغان:
2008-يىلى سىچۈەندە 8 بال يەر تەۋرىگەندە ئۆلگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مەكتەپ بالىلىرى ئىدى. 2006-يىلىلا خىتايدا نامەلۇم يۇقۇملۇق كېسەللىك سەۋەبى بىلەن نۇرغۇن بالا قازا قىلغان. بىر قانچە يىل ئىلگىرى زەھەرلىك سۈت پاراشوكى سەۋەبىدىن يەنە نۇرغۇن بالىلار زەھەرلەنگەن ۋە ئۆلگەن ئىدى. 2010-يىلى زەھەرلىك سۈت پاراشوكى ۋەقەسى يەنە يۈز بەردى. گەنسۇدا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 21 بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇنداق قاتناش ۋەقەلىرىدە ئۆلۈۋاتقان بالىلار ناھايىتى كۆپ. جۇڭگودا خىش-كېسەك قۇيۇۋاتقان بالا قارا ئىشچىلارنىڭ سېيماسىنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمىز. كۆمۈر كانلىرىدا ئىشلەۋاتقان بالا ئىشچىلارنىڭ ھالى تېخىمۇ خەتەرلىك. زەھەرلىك چېكىملىكتىن كېسەل يۇقتۇرۇۋالغان بالىلارمۇ ئاز ئەمەس. يەنى، بالىلىقنىڭ لەززىتىنى سۈرەلمەي ئۆلۈۋاتقان ۋە خارلىنىۋاتقان بالىلارنىڭ ھېسابى يوق. جۇڭگودا بالىلار مەسىلىسى، مەسىلە ھالىدىن ئادەتتىكى نورمال ھادىسىگە ئايلىنىپ كەتتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈپ باقمىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ، ئومۇملاشقان ئىجتىمائىي مەسىلە ۋە تۈزۈم خاراكتېرلىك مەسىلە ئىدى. بۈگۈن بۇ مەسىلە كېڭىيىپ جەمئىيەت تراگېدىيىسىنى ۋە تۈزۈم خاراكتېرلىك تراگېدىيىنى پەيدا قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، دوختۇرخانىلار بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئەمەس، پۇل تېپىشنى ئاساسى مەقسەت قىلىدۇ. دېھقانلار زىرائەتلىرىنى چەكلەنگەن زەھەرلىك ئوغۇتلار بىلەن ئۆستۈرىدۇ. باقمىچىلار پايدا قوغلىشىپ، چارۋىلىرىنى زەھەرلىك ماددىلار بىلەن سەمرىتىدۇ. دورىگەرلەر ساختا دورىلارنى بازارلارغا تۆكمە قىلىۋەتكەن. جۇڭگونىڭ سۈت پاراشوكلىرىنىڭ قايسىسىنىڭ ساپ، قايسىسىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. كىشىلەر ئىشىنىپ بازاردىن كۆكتات سېتىۋالالمايدۇ. گۆش سېتىۋالالمايدۇ. جۇڭنەنخەيدىكىلەر ئۆيلىرىگە ۋە ئىشخانىلىرىغا ھاۋا سۈزگۈچ ئورنىتىپ ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالىدۇ. پۇقرالار بولسا بۇلغانغان ھاۋادىن نەپەسلىنىپ ياشايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئالدى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بەختسىز بالىلاردۇر.

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەركىناي خانىم ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتايلار يولۇققان بارلىق بەختسىزلىككە يولۇقۇش بىلەن بىرگە، ئاتوم سىناقلىرىدىن قالغان رادىئاكتىپلىق ماددىلارنىڭمۇ زەھەرلىشىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

«جۇڭگولۇقنىڭ بالىسى بولامسىز؟» ناملىق خەۋەردە يەنە 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە بولغان 50 كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، خىتايدا ئالتە قېتىم بالىلارغا ھۇجۇم قىلىشتەك قاتىللىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ نۇرغۇن بالىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. تېخى ئالدىنقى ئايدىلا ئىككى ياشلىق خىتاي قىزىنى ئاپتوموبىل باستۇرۇۋېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، دۇنيا ئاخبارات ساھەسىنى لەرزىگە كەلتۈرگەن ئىدى. خەۋەردە بالىلار ئۇچراۋاتقان بۇ خىلدىكى ھېسابسىز پاجىئەلەر تۈپەيلى خىتايلارنىڭ «جۇڭگولۇق بولۇش بەختسىزلىك، جۇڭگولۇقنىڭ بالىسى بولۇش تېخىمۇ بەختسىزلىك» دېيىشىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، شىنلاڭ تورى ئىلگىرى پۇقرالار ئارا راي سىناش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ «ئەگەر ساڭا قايتا تۇغۇلۇش پۇرسىتى نېسىپ بولسا، جۇڭگولۇق بولۇشنى خالامسەن-يوق؟» دېگەن سوئالنى قويغاندا، راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ 70% ئى «ياق، خالىمايمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ جاۋاب ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بېرىلگەن جاۋاب ئىدى. ئۇنداقتا، جۇڭگولۇق بولۇشنى خالىمىغانلار قانداق قىلىدۇ؟ خەۋەردە بۇ ھەقتە شۇنداق بايانلارغا ئورۇن بېرىلگەن: خىتايلارنىڭ ئەركىن كۆچۈش ھوقۇقى يوق. خىتاي پۇقرالىرىنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىش شارائىتى ۋە ھوقۇقى ئېغىر چەكلىمە ئىچىدە. چەتئەللەرگە تەلپۈنۈش ئومۇملۇق بولسىمۇ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۈچۈن بۇ يەتكىلى بولمايدىغان بىر شېرىن چۈشتىنلا ئىبارەت. خىتاي پۇقرالىرى مەيلى ئىش ئورۇنلىرىدا بولسۇن ياكى جەمئىيەتتە بولسۇن ئېغىر ھاقارەتلەرگە چىداپ ياشاشقا مەجبۇر. جۇڭگودا تۈزۈلمە ئۆزگەرمىگۈچە، خەلق ئەركىنلىككە ئېرىشمىگۈچە، بالىلارنى بەختسىزلىكتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولمايدۇ. جۇڭگولۇقلارنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرغىلى بولمايدۇ.

پىكىرلەر (1)
Share

zulpiqar

دىن urumqi

men bu maqilini amg amaliy beximdin kechurguchi., intayin astayidil we kuchlik tapakkur bilen yeziliptu.

Oct 11, 2012 04:11 PM

تولۇق بەت