سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت شادلىقى

قۇربان ھېيت پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي بايرام كۈنى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەم دىنىي ھەم مىللىي ئايەم ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار مىڭ يىلدىن كۆپرەك تارىختىن بىرى بۇ ھېيت كۈنىنى ھەر يىلى شۇنداق قۇتلاپ كەلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2008.12.16
Erebistanda-balilar-305 ﻣﻪﻛﻜﻪ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯜﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ.
RFA Photo / Omerjan Tohti

بۈگۈنكى قۇربان ھېيت كۈنىدە ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئايەم تەنتەنىسى قىلغاندەك، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئايەم تەنتەنىسىگە چۆممەكتە. ئۇلار ئۇيغۇرلارغا خاس جامائەت بولۇپ ھېيتلاش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇ كۈنلەردە ھەج پائالىيىتى بىلەن مەشغۇل بولغانلىقتىن، ئۇلار ھېيتلىشىش ئىشلىرىنى ھەجدىن كېيىنكى كۈنلەرگە كېچىكتۈرىدۇ.

ئەلى روزى ھاكىم بىلەن سۆھبەت

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئەلى روزى ھاجىم قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى:" ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىمەن. مەن بۇ يەردە تۇرۇۋاتقىنىمغا ئون بەش يىل بولاي دەپ قالدى. بۇ جايدىكى قۇربان ھېيت بىزنىڭ ۋەتەندىكىگە ئوخشىمايدۇ. چۈنكى بۇ جاي ئىككى ھەرەم جايلاشقان ئورۇن بولغانلىقتىن، قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە بۇ جايدىكى ئەرەب، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. شۇڭا پەقەت ھەج پائالىيەتلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنلا، ئۇلارنىڭ ئۆز‏-ئارا ھېيتلاشقىنىنى كۆرەلەيمىز. بىزنىڭ ۋەتەندىكىدەك جامائەت بولۇپ ھېيتلاش ئىشلىرى بۇرۇن بۇ جايلاردا بولغان بولسىمۇ، ھازىر شەھەرلەر تەرەققى قىلىپ ئۇيغۇرلار تارقىلىپ ياشاشقا ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆز‏-ئارا جامائەت بولۇپ ھېيتلاش ئىشلىرى ئازىيىپ كەتكەن."

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ قۇربان ھېيت خۇشاللىقى

ئەلى روزى ھاجىم بالىلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھېيت ئويناش كەيپىياتى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:" بالىلارنىڭ ھېيت خۇشاللىقى ئۈچۈن بۇ جايلاردا مەخسۇس بالىلار باغچىلىرى بولىدۇ، بالىلار شۇ جايلارغا بېرىپ ھەر خىل ئويۇنلار بىلەن كۆڭۈللىرىنى خۇش قىلىشقا تىرىشىدۇ. ھەجگە چىقمىغانلار قۇربانلىق قىلىدۇ، بالىلار قۇربانلىقتىن بەك خۇشلىنىدۇ. بالىلار قۇربانلىق گۆشىگە ئېغىز تېگىش بىلەن بىرگە كەمبەغەللەرگە ئايرىلغان قۇربانلىق گۆشىنى ئاتىلىرى بىلەن بىرلىكتە تارقىتىشقا قاتنىشىدۇ، بۇنىڭدىن بالىلار يوقسۇللارغا خەير - ساخاۋەت قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ھېيت - ئايەملەر ئۆزىمىزنىڭ ئانا ۋەتىنىدىكىدەك ھوزۇرلۇق بولمايدىكەن."

بالىلار بىلەن سۆھبەت

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھېيتلىشۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئومۇمەن ئۆزلىرىنىڭ كومپيوتېر ئويۇنلىرى بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقىنى، ھېيت كۈنلىرىدە ۋاقىتلىرىنى دوستلىرى بىلەن ھېيتلىشىش، دېڭىز بويلىرىدا ساياھەت قىلىش ۋە بالىلار باغچىلىرىدا كۆڭۈل ئېچىش بىلەن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىگە تەلپۈنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.