شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 12- نۆۋەتلىك يىغىنىدىن كېيىنكى مۇلاھىزىلەر
2012.06.08

2001 - يىلى قۇرۇلغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ 12 - نۆۋەتلىك يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 6 - 7 ۋە كۈنلىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق يىغىنغا قازاقىستان، رۇسىيە، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان پرېزىدېنتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئافغانىستان، ئىران، موڭغۇلىيە، پاكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ پرېزىدېنتلىرى قاتناشتى. ئۇنداقتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان بۇ يىغىندىن قانداق نەتىجىلەر چىقتى. يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا يىغىندىن چىققان كونكىرت نەتىجىلەر تۆۋەندىكىچە :
ئافغانىستان تەشكىلاتقا كۆزەتكۈچى دۆلەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىندى. تەشكىلاتنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك باش سېكرېتارى سايلاپ چىقىلدى. تۈركىيە تەشكلاتقا دىئالوگ شېرىكى قاتارىدا قوبۇل قىلىندى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا دائىمىي ئەزا بولۇشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ كۆزەتكۈچى دۆلەتلىك سالاھىيىتىدە ئۆزگىرىش بولمىدى.
يىغىندا يەنە ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر ئورتاق مەنپەئەت ۋە تېنچلىقنى چىقىش قىلغان بىر رايون بەرپا قىلىش، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك تەرەققىيات پىلانى، تەشكىلاتنىڭ رايوننىڭ تېنچلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمى، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق قاتارلىق ئون خىل تۈر بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلغان. يىغىندا يەنە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ تەشكىلاتنىڭ ئافغانىستاننى يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىش جەريانىدا رول ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ناتو كۈچلىرى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر يىغىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ يىغىندا ئېلىنغان قارارلاردىن بەك، ئەبەدىي رىقابەتچى بولغان خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ رايوندىكى مەنپەئەت توقۇنۇشىنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقىغا قىزىقماقتا. ياۋرۇ - ئاسىيا خەۋەرلەر تورىنىڭ كۆرسىتىشىچە، يىغىندا ئېلىنغان قارارلار خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى تېخىمۇ زورايتىۋېتىدىغان بولۇپ، روسىيە ئىلگىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاراشلىق بولغان دۆلەتلەردە خىتاينىڭ تەسىرىنىڭ كۈچىيىشىگە قاراپ تۇرامدۇ؟ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، روسىيە بۇنىڭغا قارشى ياۋرۇ - ئاسىيا بىرلىكى ۋە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك ۋە ئەھدى تەشكىلاتىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا كۆرۈنمەككە بۇ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىشىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما پەردە ئارقىسىدا ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيادا يەنىلا قاتتىق رىقابەتلىشىشى مۇمكىن ئىكەن.
بۈگۈن نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئوتتۇرا ئاسىيادا ئوچۇق ھەمكارلىق، يوشۇرۇن رىقابەت» ناملىق مۇلاھىزىدىمۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنى ناھايىتى غەلىبىلىك ئاياغلاشقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئىنچىكىلەپ قارىغاندا ئەمەلىيەتتە تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر ئارا رىقابەتنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ تەسىر كۈچىنىڭ زورىيىشىغا قارىتا ئەندىشىلىرىنىڭمۇ زورىيىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى مۇلاھىزىسىدە مۇنداق دېگەن :
- ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بەرگەندىن بۇيان، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسىيىنىڭ ئورنىنى تارتىۋېلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بوپقالدى. ئەمما ھەم روسىيە ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خىتاينىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ قوشۇمچە تەسىرلىدىن ئەندىشە قىلماقتا. بۇنىڭغا قارشى روسىيە پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ ياۋرۇ - ئاسىيا ئىتتىپاقى ۋە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك ۋە ئەھدى تەشكىلاتىنى كۈچەيتتى. خىتايمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن رۇسىيىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش مەقسىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىن 30 مىڭ ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش، كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى قارمىقىدا مىڭ نەپەر ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەشكە ئوخشاش يۇمشاق كۈچ سىياسىتىنى ئىشقا سالدى. خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان تۈركمەنىستان بىلەن بىلەن ئېنېرگىيە ھەمكارلىقلىرىنى ئاشۇرۇشى، ئۆزبېكىستاندىن ئۆتىدىغان گاز تۇرۇبا يوللىرى ۋە يېقىندا ئۈچىنچى گاز لىنىيىسىنى ئىشقا سالماقچى بولۇشىمۇ رۇسىيىنى ئويلاندۇرماقتا.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا ئافغانىستان كۆزەتكۈچى دۆلەت دەپ قوبۇل قىلىنىپ، تەشكىلاتنىڭ ئافغانىستاندىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش ھەققىدە سۆزلەر بولۇنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلە ئۈستىدىمۇ روسىيە ۋە خىتاي ئارىسىدا پىكىر ئىختىلاپى مەۋجۇت. خەۋەردە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن :
خىتاي ناتو كۈچلىرى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەسىرىنى ھەرقانداق ھەربىي ھەرىكەتكە ئارىلاشمىغان ئاساستا كۈچەيتىشنى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئىقتىسادىي تەسىرىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرلىكتە ئافغانىستانغا سالغان مەبلىغىنى قوغداشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما روسىيە بولسا ناتو چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن كوللېكتىپ بىخەتەرلىك ۋە ئەھدى تەشكىلاتىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تاجىكىستان - ئافغانىستان چېگرىسىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلىقىنى قايتا تىكلەپ چىقىشنىڭ كويىدا. ئۆزبېكىستان بولسا ھەر ئىككىلا تەشكىلاتنىڭ رولىغا قارشى، ئۇ ئافغانىستاندا ئۆز پىلانىنى ئىشقا سېلىش تەرەپدارى.
نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ مۇلاھىزىنىڭ ئاخىرىدا تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرىنىڭ ئۆز - ئارا زىتلىقىنى، روسىيە ۋە خىتاي ھەر ئىككىلىسىنىڭ بۇ تەشكىلاتنى ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئىدارە قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقى، شۇڭا يېقىن كەلگۈسىدە تەشكىلاتنىڭ يېڭى ئەزا دۆلەتلەرنىمۇ قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.