تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى ھەقىقىي ئاپتونومىيە پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

لوبساڭ ئەپەندى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسلانغان ھالدا ھەقىقىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

0:00 / 0:00

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 9-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان باش مىنىستىرى لوبساڭ ئەپەندى، گېرمانىيىدىكى داڭلىق ژۇرناللاردىن « فوكۇس » ناملىق ھەپتىلىك ژۇرنالنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئالدىنقى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، زورلۇققا تايىنىشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تىبەت ياشلىرىنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپلىرىنىمۇ چۈشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

«ھەقىقىي ئاپتونومىيىنى تىنچلىق ۋاسىتىلىرىگە تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈش» ناملىق مەزكۇر خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى لوبساڭ ئەپەندى يەنە، تىبەتنىڭ بېسىۋېلىنىشىدەك ئادالەتسىزلىككە، تىبەتتىكى مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيىسى، ئىقتىسادى تالان-تاراج، مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى ھەمدە سىياسىي بېسىملارغا بولغان كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەرقاچان، ھەر يەردە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى، ھەقىقىي ئاپتونومىيە تەلىپىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىي كېڭەش يىغىنىدا ئاپتونومىيە تەلىپىنى رەت قىلىش مەسىلىسى بىلەن تىبەتلىكلەرنىڭ ئاپتونومىيە تەلىپىدە چىڭ تۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، تىبەت ئەندىزىسىنى ئۇيغۇر دەۋاسىغا قارىغۇلارچە كۆچۈرۈپ كېلىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى لوبساڭ ئەپەندى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، بېيجىڭ بىلەن سەرگەردان ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىنى چاشقان بىلەن پىلنىڭ مەسىلىسىگە ئوخشاتقان. ئۇ سۆزىدە، پىلنىڭ چاشقاندىن قورقىدىغانلىقىنى، چاشقاننىڭ ۋاقتى كەلسە پىل ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى سايلىمىدىن قاتتىق بىئارام بولغانلىقىنى، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن دېموكراتىك بىر ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا، مۇستەبىتلىك بىلەن ئۆرە تۇرۇۋاتقان بىر ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

«ھەقىقىي ئاپتونومىيىنى تىنچلىق ۋاسىتىلىرىگە تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈش» ناملىق بۇ خەۋەردە، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى لوبساڭ ئەپەندى تىبەت ياشلىرىنىڭ بۇ خىل تىنچلىق تەشەببۇسىغا نارازى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. بۇنىڭدىكى ئاساسى سەۋەب تىبەت-خىتاي ئوتتۇرىسىدا 20 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن سۆھبەتنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقى بولغان.

سەرگەردان ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى لوبساڭ ئەپەندى 2008-يىلى تىبەت رايونىدا يۈز بەرگەن قارشىلىقلار سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان تىبەتلىكلەرنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، تۈرمىلەرگە سولانغانلىقى، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كەتكەنلىكىدەك رېئاللىقنى نەزەردە تۇتۇپ، تىنچلىق ۋاسىتىلىرىگە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھىمايىسىگە تايانمىغاندا، تارتىدىغان زىياننىڭ يەنىمۇ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بىراق، تىبەت ياشلىرىنىڭ بۇ خىل ئوتتۇرا يول سىياسىتىگە نارازى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى قايىل قىلىشنىڭ تەسكە توختايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ زورلۇقى داۋاملاشقان مۇددەت ئىچىدە، ئۇنىڭغا بولغان قارشىلىقنىڭمۇ داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.