سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى تۈركىستان بۆلۈمى مۇكاپاتقا ئېرىشتى

2012 - يىلى5 - ئاۋغۇست رامزاننىڭ17 - كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدىكى«ئەدەبىيات - سەنئەت كۇلۇبى»دا، پۈتۈن سەئۇدى ئەرەبىستانى بۇيىچە نەتىجە قازانغان دىكتورلارنى تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00


پائالىيەتكە سەئۇدى ئەرەبىستانى تەشۋىقات ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرى، ئۇنىڭ مۇئاۋىنلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىشتىراك قىلدى.

مۇكاپات ۋە تەقدىرنامىگە ئېرىشكەنلەر ئىچىدە تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەد يۈسۈپمۇ بار ئىدى.

مۇھەممەد يۈسۈپ ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات

مۇھەممەد يۈسۈپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن بولۇپ، مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرستېتىنىڭ قانۇن ۋە شەرىئەت فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادا ھۆكۈمەت مەكتىپىدە ئەرەب تىلىدىن مۇئەللىملىك قىلغان.2001 - يىلى ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس تەكلىپى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدىكى دۆلەت رادىئوسىنىڭ تۈركىستان بۆلۈمىدە دىكتور بولۇپ ئىشلەشكە باشلىغان بولۇپ، 2005 - يىلىدىن باشلاپ مەزكۇر بۆلۈمنىڭ مۇدىرى بولغان. ھازىرمۇ شۇ خىزمەتنى ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ماۋزۇلاردا 20گە يېقىن كىتاب يېزىپ ئۇيغۇر خەلقىنى تەمىنلەۋاتىدۇ.

مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تۈركىستان بۆلۈمى باشقا چەتئەللەر بۆلۈملىرى ئىچىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن بۆلۈمگە ئايلىنىپ قالغان. يەنە ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ ئاڭلىتىشى 2010 - يىلى1 - فېۋرال كۈنىدىن باشلاپ ئېنتېرنېت تورىغا قويۇلغان. كۈنلۈك ئاڭلىتىش تېكىستلىرى بىلەن بىللە شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە تورغا قويۇلۇپ بولىدۇ. تور ئادرېسى www.sjrt.org

بۇ ئالاھىدىكىلىك سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسىنىڭ باشقا بۆلۈملىرىنىڭ ھېچىقايسىسىدا يوقتۇر. چۈنكى ھېچقانداق بىر رادىئو تورغا قويۇلمىغان. تۈركىستان بۆلۈمىدىكىلەر ئالدى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ تور بېتىنى ياساتقان ئىدى. تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ بۇ ئۇتۇقىنى كۆرۈپ قايىل بولغان تەشۋىقات ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرى ئۆز نامىدىن بۆلۈمگە تەشەككۇر خېتى ئەۋەتكەن. باشقا مەسئۇللارمۇ تەشەككۇرلىرىنى بىلدۈرگەن. بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلاشمۇ مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ تۈركىستان بۆلۈمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ۋە سۇنغان پروگراممىلىرىنىڭ سەرخىللىقى سەۋەبىدىن ئىدى.

تۈركسىتان بۆلۈمى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات

سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسىنىڭ تۈركىستان بۆلۈمى1982ـ يىلى 3ـ ئاينىڭ 8ـ كۈنىدىن ئىتىبارەن تۇنجى قېتىم كۈنىگە بىر سائەتتىن ئاڭلىتىش باشلىغان بولۇپ، 1999 - يىلىغا كەلگەندە، رادىئو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ئاڭلىتىش ۋاقتى كۈنىگە بىر سائەتتىن ئىككى سائەتكە چىقىرىلغان. 2007 - يىلى دېكابىرنىڭ 13 - كۈنىدىن ئېتىبارەن ئاڭلىتىش 3 سائەتكە چىقىرىلدى، ئۇيغۇرچە ۋە ئۆزبېكچە ئىككى تىلدىكى ئاڭلىتىش ۋاقتى ئايرىلىپ، ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 9دىن 10يېرىمغىچە ئۇيغۇر تىلىدا، 10يېرىمدىن 12گىچە ئۆزبېك تىلىدا بولۇپ كەلمەكتە.

سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسىنىڭ تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ ئاڭلىتىشى پۈتۇن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەقىدە مەنبىئى ۋە قىبلىگاھى بولغان مۇقەددەس ئىككى ھەرەم زېمىنىدىن تارقىتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، تۈركىي تىلدا سۆزلەيدىغان خەلقلەرگە قارىتىلغان مۇھىم ئاڭلىتىش ھىسابلىنىدۇ.

تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ ئاڭلىتىشىنى قىسقا دولقۇن 31 مېتىر 9885 كىلۇگرېتىستا ئاڭلاشقا بولىدۇ.