5‏-ئىيۇل شاھىتلىرىدىن بىرى كۆرگەنلىرىنى ئاڭلاتتى

ئۈرۈمچىدە ئۇنىۋېرسىتېتقا يۇقىرى نەتىجە بىلەن قوبۇل قىلىنغان بىر قىز، 5-ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىككى قېتىم قاماپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

ئۇ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە نامايىشقا قاتناشقانلىق سەۋەبىدىن، بىر يىل سىنىپقا كىرىشى چەكلەنگەن ھەمدە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ساقچى تارماقلىرىغا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا مەجبۇرلانغان. كەلگۈسى ئىستىقبالىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن چەتئەلگە قېچىپ چىققان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق، ئائىلىسى ۋە دوستلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەزكۇر ياش بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنى ئاڭلىغايسىلەر.