تۈركىيىنىڭ بەيشېھىر ناھىيىسىدە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى» تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى

2-ئاينىڭ 11-كۈنى تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋىلايەتلىرىدىن بىرى بولغان كونيانىڭ بېيشېھىر ناھىيىسىدە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ۋە ئۆتمۈشى» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

يىغىنغا بېيشېھىر ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى جۇمائالى ئاتىللا ئەپەندى، دىنى ئىشلارغا مەسئۇل رەھبىرى مۇستافا تېكىن ئەپەندى ھەمدە ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ۋە خەلقتىن بولۇپ 250 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

sherqiy-turkistanning-bugunki-we-otmushi-2-385.jpg
2011-يىلى 11-فېۋرال «شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ۋە ئۆتمۈشى» تېمىسىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنىدا بېيشېھىر ناھىيە ھاكىمى جۇماالى ئاتىللا ئەپەندى سېيىت تۈمتۈرككە مادال بېرىۋاتىدۇ. (RFA/Erkin Tarim)

ئۈچ سائەت داۋام قىلغان بۇ يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى» تېمىسىدا سۆز قىلغان. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلھەكىم سەلچۇق ئەپەندى، «كۆك بايراق» ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى تۇرسۇن سۇيدۇنلۇ ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەرمۇ قاتناشقان. يىغىننى «بېيشېھىر مەفكۇرە جەمئىيىتى» ئۇيۇشتۇرغان.

بۇ يىغىن ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئابدۇلھېكىم سەلچۇق ۋە سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.