سېنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ - مېنىڭ غەربىي دىيارىم ‏


2007-11-07
Share

"سېنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ - مېنىڭ غەربىي دىيارىم" نىڭ مۇقاۋىسى. RFA Photo/Erkin Tarim

تونۇلغان خىتاي يازغۇچى ۋاڭ لىشۇڭ يازغان " نى دﯤ دۇڭ تۇ - ۋودﯤ شى يۈ " يەنى "سېنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ - مېنىڭ غەربىي دىيارىم" ‏ناملىق ئەسەر 2007 ‏- يىلى 10 - ئايدا تەيۋەندە نەشردىن چىقتى. كىتابنى تەيبەي داگۇي مەدەنىيەت نەشرىياتى باسقان بولۇپ، كىتاب 470 بەتتىن تەركىپ تاپقان.

كىتاب كىرىش سۆز، مۇختەر بىلەن ئۇچرىشىش، 1999-يىلى شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان ساياھىتىم، مەخپىي ھالدا مۇختەر بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارەت، 4- قېتىم شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان ساياھەت خاتىرەم، مۇختەر مۇنداق دەيدۇ، مۇختەرگە يېزىلغان خەت، شىنجاڭ مەسىلىسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم دېگەن مەزمۇنلاردىن تەركىپ تاپقان. كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەلۇم بىر تاغنىڭ سۈرىتى قويۇلغان بولۇپ، مۇقاۋىنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە ئېشەك ھارۋىسى ھەيدەپ، تۆگە يېتىلەپ كېتىۋاتقان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ رەسىمى قويۇلغان.

كىتابنىڭ ئىچى 100 پارچىدىن ئارتۇق رەسىم بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، بۇ رەسىملەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى تاغۇ ‏- دەريالار، يايلاقلار، شەھەر ۋە قىشلاقلار، يوقسۇل ئۇيغۇر مەھەللىلىرى، كوچىدا تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى، كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا چېچىنى ئالدۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار كۆرسىتىلگەن. رەسىملەرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكى كۆرسىتىلگەن رەسىملەرمۇ بار. بۇ رەسىملەر ئىچىدە كىشىنىڭ قاتتىق دىققەت ‏- ئېتىبارىنى تارتىدىغان رەسىمىدىن بىرى بولسا، 260-بەتتىكى ئۈرۈمچى دۆڭ كۆۋرۈك بازىرى ئالدىدا يەپ-ئىچىپ ئۇيغۇر سەنئەتچىلىرىنىڭ ئۇسسۇلىنى كۆرۈۋاتقان خىتايلار، ئەتراپتا ئېڭىكىنى تۇتۇپ خىتايلارنىڭ يەپ ‏-ئىچىشىنى كۆرۈۋاتقان ئۇيغۇرلار كۆرسىتىلگەن رەسىمدۇر. رەسىملەرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ياخشى بىنالاردا خىتايلارنىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى، كونا ۋەيران بولۇپ كەتكەن مەھەللىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشىدۇر.

كىتابنىڭ ئاخىرىدا ئاپتور ۋاڭ لىشۇڭ بىلەن ئۇنىڭ كىتابى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ بۇنىڭدا ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە مۇنداق مەلۇماتلار بېرىلگەن: شىنجاڭ خىتاي زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، فرانسىيىنىڭ 3 ھەسسىسى، ئەنگىلىيىنىڭ 6 ھەسسىسى، تەيۋەننىڭ 6 ھەسسىسى، كۇۋەيتنىڭ 10 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. شىنجاڭ ئىسمىنىڭ مەنىسى نېمە دەپ سورىغان ۋاقتىڭىزدا، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى يېڭى تۇپراق، يېڭى زېمىن دېگەنلىك بولىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلاردىن سورىسىڭىز، شىنجاڭ بىزنىڭ ئانا ۋەتىنىمىز، ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان زېمىن، ئۆزىمىزنىڭ زېمىنى دەيدۇ. بۇ زېمىن پەقەتلا بېسىۋالغۇچىلار ئۈچۈنلا يېڭى تۇپراق، يېڭى زېمىن.

كىتابنى تونۇشتۇرغان بۆلۈمىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان : بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ مەسىلىسى بەزى جەھەتلەردىن تىبەت مەسىلىسىدىن ئېشىپ چۈشتى. ئاتالمىش شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ نېگىزى شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىق ھەرىكىتىدە. خىتاي ھۆكۈمىتى 11 - سېنتەبىردىن كېيىن، خەلقئارا تېررورچىلىقنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا جىددىي ۋەزىيەت كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

يەنە بۇ بۆلۈمدە كىتاب ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: 1999 - يىلى بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى ۋاڭ لشۇڭ تيەن زاڭ-تىبەتنىڭ تەقدىرى ناملىق كىتابنى نەشر قىلدۇرغان ئىدى. شىنجاڭ مەسىلىسى ھەققىدە تيەن زاڭ يەنى ئوچۇقچىلىققا دەپنە قىلىش ناملىق ئەسەرنى يازغان. بۇ ئەسەر ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى تۇنجى كۆز قارىشى ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاپتورنى دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىدى دەپ ئەيىبلەپ تۈرمىگە تاشلىغان. تۈرمىدە ئۇيغۇر سىياسى جىنايەتچى مۇختەر بىلەن تونۇشقان ۋاڭ لىشۇڭ بۇ كىتابنى تۈرمىدىكى جەريانىدا يېزىپ چىققان. چۈنكى بۈگۈن خىتايدا سىياسىي جىنايەتچىنى سولايدىغان تۈرمە شىنجاڭدا. بۇ ئەسەر ئاپتورنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ياشاپ تۇرۇپ يازغان مۇھىم ئەسەرلىرىدىن بىرىدۇر.

كىتابنىڭ ئاخىرىدىكى ۋارىقىغا ماۋزېدۇڭنىڭ قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھويلىسىدىكى رەسىمىگە يەر بېرىلگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى غەرب دۆلەتلىرىدە، ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ ئەسەرلەر نەشر قىلىنغانىدى. بۇلاردىن باشقا خىتاي تىلىدىمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە كۆپ ساندا كىتاب ۋە ماقالىلەر يېزىلغاندىن باشقا، ھەتتا ھۆججەتلىك كىنولار ئىشلەنمەكتە. تونۇلغان خىتاي يازغۇچى ۋاڭ لشۇڭ يازغان "سېنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ - مېنىڭ غەربىي دىيارىم" ‏ناملىق كىتابنىڭ تەيۋەندە خىتاي تىلىدا نەشر قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ بۇ خىل كىتابلارنىڭ كۆپ ساندا چىقىشىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق تەسىرى بولار؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم شياڭگاڭدىكى بىر ژۇرنالدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان تارىخچى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. (ئەركىن تارىم)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت