شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۈچ بۇلۇڭغا مەھكۇم قىلىنغان ھاياتى

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بىۋاسىتە پىلانى ۋە مەبلىغى بىلەن خىتاينىڭ بىر قىسىم ئۆلكىلەردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە 2000-يىلى شىنجاڭ سىنىپى تەسىس قىلىنىپ، تۇنجى تۈركۈمدە 1000 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان بولسا، بۇ يىل قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى سانى 8330 نەپەرگە يەتتى.

0:00 / 0:00

بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ بالىلىرى 76%ni ئىگىلەيدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلار 44 خىتاي شەھىرىدىكى 85 خىتاي ئوتتۇرا مەكتىپىگە تەقسىم قىلىنىدۇ.

يېقىندا يەنە مىڭلىغان ئاتا، ئانا، ئۆسمۈرلۈك بىلەن ياشلىقنىڭ چېگراسىدا يېتىلىۋاتقان بالىلىرىنى كۆزىدىن، ئۆيدىن ئايرىپ، ئانا يۇرتتىن نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېچىلغان «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى» غا يولغا سېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. «شىنجاڭ سىنىپى» بالىلىرى ئۈچۈن بۇ، يېڭى بىر ئوقۇش ئورنىلا ئەمەس، بەلكى يېڭى بىر ھاياتتىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنداقتا شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى قانداق بىر ھايات كۈتۈپ تۇرىدۇ؟ ئۇ ھەقتە بىر قىسىم شىنجاڭ سىنىپلىرى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ھەمدە بەزى ئاتا، ئانىلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىز شۇنداقلا بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرى بىلەن ئورتاقلىشىڭ.

بېسىم كۈچلۈك

خىتاي شەھەرلىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرى تەسىس قىلىنغان ئوتتۇرا مەكتەپلەر، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئالىدىغان مەكتىپى بولۇپلا قالماي، يەنە يېڭى بىر ياشاش مۇھىتى، جەمئىيىتى ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا بولغان باشقۇرۇش پەۋقۇلئاددە چىڭ بولغانلىقتىن، ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن، ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بارالمايدۇ. يەنى شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پائالىيەت چەمبىرىكى ياتاق-ئاشخانا‏-سىنىپتىن ئىبارەت ئۈچ بۇلۇڭ ھاسىل قىلغان بولۇپ، مەكتەپنىڭ ۋاقىت تەرتىپى بويىچە ئوقۇغۇچىلار 5:30 ئورنىدىن تۇرۇپ 6دە گىمناستىكىغا قاتنىشىدۇ، گىمناستىكىدىن ئۇدۇل ئاشخانىغا كىرىپ ئالدىراپ ئەتىگەنلىك ناشتا قىلىدۇ، ئاندىن ئۇدۇل سىنىپلىرىغا كىرىپ كېتىدۇ. ئەمما ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى 5 بولماي ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشلەپ بولالمىغان تاپشۇرۇقلىرىنىڭ قالدۇقىنى ئىشلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بايان قىلىشىچە، چۈنكى ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇقى جىق، كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار بىردىنلا ھەممە دەرسلەرنى خىتايچە چۈشىنىپ كېتەلمىگەچكە، باشقىلاردىن ئارتۇق كۈچ چىقىرىشقا، ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ، ھەتتا چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى ئىككى سائەت بولسىمۇ، بۇ ۋاقىت ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن 10، 15 مىنۇت چۈشلۈك تاماق يېيىشكە سەرپ قىلغاندىن باشقا، ئارام ئېلىش ۋاقتى يەنىلا دەرس تولۇقلاش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان ۋاقىت، ھەتتا كەچلىك غىزا ۋاقتىنىمۇ 10-20 مىنۇتقا قىسىپ ئۇخلىغۇچە بولغان ئىككى سائەتنى چىڭ تۇتۇپ تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەندە، دەرسكە يېتىشىش مۇمكىن ئەمەس، بۇ بېسىم ئوقۇغۇچىلارنى بوش ۋاقتىدا ئۆگىنىش قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.

جياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرىنىڭ ئۆزىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى تەسۋىرلەپ بېرىشىگە قارىغاندا، مەكتەپنىڭ تۈزۈمى بويىچە،سەھەر سائەت 6 دە چوقۇم گىمناستىكىغا چىقىش كېرەك، دەرستىن چۈشۈپ يەنە ئاشخانىغا چېپىش كېرەك، يېرىم سائەت چۈشلۈك تاماقنى يەپ 1:00 ياكى 1:30 دە سىنىپقا قايتىپ كىرىش كېرەك، 5 تە دەرستىن چۈشۈپ يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە كەچلىك تاماققا چىقىش، 6:30 دا يەنە سىنىپقا قايتىپ كىرىپ كەچلىك مۇزاكىرىگە قاتنىشىش، 10:00 غىچە ياتاققا قايتىپ ئۇخلاش كېرەك، چۈنكى، سىنىپ ۋە ياتاقلارنىڭ توكى كەچ سائەت 10:00 دا پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلىدۇ، كىتاب كۆرىدىغان، دەرس تەييارلايدىغانلار شام يېقىشقا مەجبۇر. يەنى ياتاق، ئاشخانا ۋە سىنىپتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ بۇلۇڭنى مەركەز قىلىپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى ناھايىتى ئالدىراش ۋە بېسىم ھېس قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسەن ئەركىن پائالىيەت ۋاقتى يوق. ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر بىلەن ماھىيىتى ئوخشىمايدۇ.

مۇشۇ نۇقتىدا پەرزەنتىنى شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇتۇپ باققان بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، دەل بۇ خىل ئۈچ بۇرجەككە مەھكۇم قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ تۈزۈمىدىن سىرت ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپكە چىققاندا، تامامەن ئېچىۋېتىلگەن، دەرس ۋاقتىدىن باشقا تاماق يېيىش، ئۇخلاش ۋاقتىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن باشقۇرىدىغان ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدىغان ئالىي مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بىردىنلا بوش ھېس قىلىپ، ئۆزىنى قويۇۋېتىش، ئۆزىنى باشقۇرالماي دەرسكە يېتىشەلمەسلىك ۋە يەنە نۇرغۇن پسىخىكىلىق توسالغۇلارغا ئۇچراش ئەھۋاللىرى ئېغىر ئىكەن.

يالغۇزلۇق ۋە تېڭىرقاش

ئۆز ئائىلىسى، يۇرتى، دوست ساۋاقداشلىرى، بىلىدىغان، كۆرۈپ چوڭ بولغان بارلىق تونۇش نەرسىلەردىن ھەتتا تىل مۇھىتىدىن ئايرىلغان شىنجاڭ سىنىپى بالىلىرى ئۈچۈن، ئوقۇشتىن باشقا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغىنى يالغۇزلۇق ۋە باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشتىكى تېڭىرقاش، پۈتۈنلەي تونۇمىغان كىشىلەر توپى، ناتونۇش تىل، ناتونۇش مەدەنىيەت، ناتونۇش مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن ئۇزاق جەريان كېتىدۇ، بۇ جەرياندا بالىلار ئۇزۇن مەزگىل يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ، تېڭىرقايدۇ. چۈنكى ئوقۇتقۇچىلار پەقەت ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈنلا ئىزدەيدۇ، بېسىم قىلىپ تۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭدىن بېسىم ھېس قىلىدۇ بۇ مۇناسىۋەتكە ئىشەنمەيدۇ. ئېھتىياجى بولسىمۇ، ئوقۇتقۇچىنى ئىزدىمەيدۇ. نۇرغۇن كېلىشمەسلىك، چوڭ-كىچىك مەسىلىلەرنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىشقا مەجبۇر. بۇ جەرياندا يالغۇزلۇق، تېڭىرقاشقا ئوخشاش ھېسسىيات جەريانلىرىنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ، بۇ يالغۇزلۇق، تېڭىرقاش جەريانى ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدىكى بالىلارنىڭ مىجەز خاراكتېرىگە تەسىر كۆرسىتىشى تەبىئىي.

شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپىنىڭ بىر قىز ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھېس قىلغىنى

ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن بېكىنمە ھالەتتە ئوقۇيدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ سىرتقى مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى ناھايىتى ئاز، نورمال كىشىلىك مۇناسىۋەتنى قانداق ئورنىتىش ۋە بۇ جەھەتتە تەجرىبە توپلاش مۇھىتىغا ئىگە ئەمەس.

ئوقۇغۇچىلار ئارا، ئەسلىدىكى مەكتەپتە بار بولغان خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بولسا، مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇشتا قوللىنىدىغان ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقى تەبىئىي ھالدا شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى شەكىللەندۈرگەن، بىر يۇرتتىن كەلگەن بولسىمۇ، ئوخشىمىغان مەكتەپلەردىن ئېلىپ كېلىنگەن شىنجاڭ سىنىپى بالىلىرى ئۆزلىرىمۇ ئىلگىرى تونۇشمىغاندىن سىرت، تۇرمۇش ئۇسۇلى، مەدەنىيەت جەھەتلەردىن پەرقلىق بولغاچقا، ئۇلارنىڭمۇ ئېجىل-ئىناق بولۇپ كېتىشى تەسكە توختايدۇ، سىنىپ ۋە ياتاقتا ئانا تىلىنى ئىشلەتمەسلىك پەقەتلا خىتاي تىلىدا سۆزلىشىش مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلارغا ئىنتايىن جىددىي قويۇلغان تەلەپنىڭ بىرى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئانا تىلىدا ئۆز-ئارا سۆزلىشىش پۇرسىتى يوق. دوستقا، سۆھبەتداشقا موھتاج يېشىدا يۇرتىدىن ئايرىلغان بالىلار پەقەت ئۆزىگىلا تايىنىدۇ، ئەقلىگە تولغاندىن كېيىن ئاتا، ئانىسى، قېرىنداشلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى، ئۆز-ئارا ئىشەنچ، تايىنىش مۇھەببىتىنى مۇستەھكەملەيدىغان پەيتتە ئۇلاردىن ئايرىلىپ تۇرۇش شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىدا ھەتتا ئاتا-ئانىسى بىلەن بولغان ھېسسىي مۇناسىۋىتىدىمۇ بەلگىلىك مۇساپە ھاسىل قىلىدۇ. مۇناسىۋەت ئورنىتىشتا تېڭىرقاش پەيدا بولغان بۇ بالىلاردا ئىشەنچلىك ساۋاقداشلىق ياكى دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئاسان ئەمەس.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن سۈنئىي يارىتىلغان بۇ خىل تۈزۈملەشكەن چەكلىمە ۋە بېكىنمە شەكىلدىكى ھايات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇھىم ئامىل دەپ قارامسىز؟ بۇلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇش ئارزۇسىدىكى بالىلار ۋە پەرزەنتىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان ئاتا، ئانىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇندۇق.