ئاپتورنىڭ يېزىشىچە، ئۇيغۇر دىيارى 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن ئېتىبارەن تاكى 1943 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا چار رۇسىيە، ئۇنىڭدىن كېيىنكى سابىق سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەسىرلىرى ئاستىدا بولۇپ كەلگەن. بىراق، سوۋېت - گېرمان ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا موسكۋانىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىغا ئەگىشىپ، شېڭ شىسەي ستالىندىن يۈز ئۆرۈپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندا ئۆز تەسىرىنى تىكلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتى بولسا، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيىنىڭ ئىتتىپاقچىسى سۈپىتىدە ئامېرىكىنىڭ تەسىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارقا سېپىگە تەھدىت پەيدا قىلدى.
1943 - يىلى ئاپرىل ئېيىدا ئۈرۈمچىدە ئامېرىكا كونسۇلخانىسى قۇرۇلدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەنگىلىيىمۇ ئۈرۈمچىدە ئۆز كونسۇلخانىسىنى قۇردى.
1943 - يىلىدىن 1949 - يىلى ئاۋغۇستقىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا تۆت ئاساسلىق دىپلومات خىزمەت قىلدى. دەسلەپتە ئاتاقلىق دىپلوماتلاردىن كلاب بىرىنچى كونسۇل بولدى. ئارقىدىنلا سمىت، ۋورد ۋە پاكىستون قاتارلىق ئۈچ كىشى ئىلگىرى كېيىن باش كونسۇل بولۇپ خىزمەت قىلدى.
ۋادىم ئوبۇخوۋنىڭ يېزىشىچە، ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت نىشانى رايوندىكى سوۋېت ئىتتىپاقى تەسىرىنى جۈملىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتوم پىلانىنى كۆزىتىش ۋە بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە ماتېرىيال توپلاشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ خادىملىرىدىن بىرى پولكوۋنىك دوگلاس سايمۇرا ماكىرنان بۇ ساھەدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىق شەخىستۇر. قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى ئابلەت كامالوف بۇ شەخس ھەققىدە ماقالە يازغان. ئامېرىكا مەزكۇر ئەرباب ھەققىدە 2002 - يىلى" تىبەتكە كىرىش" دېگەن ماۋزۇدا مەخسۇس كىتاب نەشىردىن چىققان.
