شۋېتسىيە خەلقئارا كىتابخانىسىغا 500 ئۇيغۇرچە كىتاب قويۇلغان

شۋېتسىيە خەلقئارا كىتابخانىسىغا 250 تىلدا نەشر قىلىنغان بالىلار كىتابلىرى قويۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە كىتابلار يوق ئىكەن. بۇنىڭدىن ئەپسۇسلانغان شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئويۇشمىسى، شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىمزاسىنى يىغىپ، ئۇيغۇرچە كىتابلارنىمۇ بۇ كىتابخانىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىپ كىتابخانا رەھبەرلىرىگە ئىلتىماس سۇنغان.

0:00 / 0:00

بۇ ئىلتىماس تەستىقلانغان بولۇپ، يېقىندا شۋېتسىيە خەلقئارا كىتابخانىسى ئۇيغۇر دىيارىدىن 50 تېمىدا 500 گە يېقىن كىتاب ئەكەلدۈرۈپ كىتابخانىغا قويغان. ھازىر بۇ كىتابلار ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن كاتولوگلاشتۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، رەسمىي ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلىدىكەن.

شۋېتسىيە خەلقئارا كىتابخانىسى شۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولىمنىڭ ئۇدانپىلان رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ كىتابخانا ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ تىزىملىكىنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزگەندىن كېيىن شۋېتسىيىنىڭ ھەر قانداق بىر يېرىدىن كىتاب تەلەپ قىلسىڭىز، سىز تەلەپ قىلغان كىتابنى دەرھال ئەۋەتىدىكەن، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بەرسىڭىز بولىدىكەن.

بىز بۇ كىتابخانا ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئويۇشمىسى باشلىقى ئابدۇللا ئەخەت ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ بىزگە بەرگەن مەلۇماتىدا: ئەگەر ئۇيغۇرلار بۇ كىتابلاردىن قانچە كۆپ پايدىلانسا، ئۇيغۇرلارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن تېخىمۇ كۆپ كىتاب قويۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى، شۇڭا شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپ ھالدا بۇ كىتابلارنى ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئابدۇللا ئەخەت ئەپەندى شۋېتسىيە خەلقئارا كىتابخانىسىدا ھازىرغىچە 250 تىلدا كىتاب بارلىقىنى، ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ قويۇلۇشى بىلەن يەنە بىر تىلنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىنى يوق قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئادالەت سۆيەر دۆلەت ۋە خەلقلەرنىڭ كىتابخانىلىرىغا ئۇيغۇرچە كىتابلارنى كۆپلەپ قويۇشىنىڭ زور ئەھمىيىتى بارلىقىنى ئېيتتى.