شۋېتسىيە پارلامېنتىدا "خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئولىمپىك" نامىدا گۇۋاھلىق يىغىنى ئېچىلدى

16 ‏ - ئىيۇن چۈشتىن كېيىن شۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ سكاندىيە زالىدا " خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئولىمپىك " تېمىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. بۇ يىغىننى شۋېتسىيە پارلامېنتتىدىكى مۇدىراتلار پارتىيىسى ۋە خرىستىيان دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن "خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى"نامىدىكى تەشكىلات بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

0:00 / 0:00

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ۋەكىللىرى، خىتاي دېموكىراتچىلىرى، فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى، تىبەتلەر، موڭغۇللار، خىتاي قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ۋەكىللىرى، خىتايدىكى خرىستىيان مۇرتلىرىنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭدىن سىرت بىرقىسىم خىتاي مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان شەخىسلەر خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالىدا يۈز بىرىۋاتقان پاجىئەلىك ئەھۋاللاردىن گۇۋاھلىق بەردى ۋە نەق مەيداندىن تارتىلغان سۈرەت فىلىملارنى كۆرسەتتى.

بۈگۈنكى بۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا شۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ مۇدىراتلار پارتىيىسىدىن بولغان ئەزاسى،ياۋرۇپا پارلامىنتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ياۋرۇپا پارلامېنتتىدىكى شۋېتسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى،شۋېتسىيە پارلامىنتى ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتىدا كوممۇنىزم پاجىئەسى ۋە خىتاينى تەنقىد قىلىش بىلەن تونۇلغان سىياسەتچى يۆران لىنبىلاد ئەپەندىم رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ باشلاش سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ: "خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىتىگە ئېرىشكەن چاغدا ئۆزىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالىدا ياخشىلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن ئىدى، بىراق بۈگۈنكى كۈندە ئولىمپىك مۇسابىقىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل ئىدىيىدىكى كىشىلەرنى باستۇرۇشنىڭ قۇرالى بولۇپ قالدى، بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىكنى باشقىلارنى باستۇرىدىغان تەشۋىقات قۇرالى قىلىۋېلىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك."

"خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى" تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى پېتىرا لىندبەرىي خانىم مۇنداق دەيدۇ":بىز بۇ يىل يازدا خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئەسكە ئالغان ۋاقتىمىزدا، 36 ‏ - يىلدىكى گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ ئولىمپىكنى ئۆزىنىڭ غەلىبىسىنى تەشۋىق قىلىشنىڭ قۇرالى قىلىپ پايدىلانغانلىقىنى ۋە گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ قىرغىنچىلىقىنى ھەرگىز ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك. بۈگۈن بىر دىكتاتور ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ رېجىمىنى ئولىمپىكتىن پايدىلىنىپ تەشۋىق قىلىشىغا يول قويۇشقا بولمايدۇ. ئولىمپىك بۈگۈن خىتاي خەلقىگە بولۇپمۇ، خىتاي بولمىغان تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرگە ۋە ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى كىشىلەرگە خۇشاللىق ئەمەس، بەلكى ئازاپ ئەكىلىۋاتىدۇ. بىز خىتاي دېكتاتورلىرىغا شىۋېتسىيەنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر دېموكراتىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئىنسانلارنى قىيناش، ئۆلۈم جازاسى بېرىش، تۈرمىگە تاشلاش قاتارلىق قىلمىشلارغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قۇيىشىمىز كېرەك."