شىۋېتسىيەدە ئولىمپىككە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بۈگۈن شىۋىتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھۇلىمدا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
-
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-06-25 -
-
-
Your browser doesn’t support HTML5 audio
مەزكۈر نامايىشقا شىۋىتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتناشقاندىن سىرت، تىبەت ۋە موڭغۇللارمۇ قاتناشقان، جۇشقۇن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىش يەرلىك شىۋېت خەلقىنىڭمۇ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن.
نامايىشتا شىۋىتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەرىپىدىن شىۋېت تىلىدا تەييارلانغان ھەر خىل يازما ماتېرىياللار ، نامايىشنى ئىشتىراك قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قوللىرىغا تارقىتىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىبەت ۋە موڭغۇللارغا قاراتقان سياسىي بېسىملىرى دەلىل - پاكىتلىرى بىلەن ئېنىق قەيت قىلىنغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇننىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.