شىۋېتسىيىدە خىتايلارنىڭ نامايىشىغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

26 ‏- ئاپرېل كۈنى شىۋېتسىيىدىكى خىتاي جەمئىيەتلىرى خىتاي كونسۇلىنىڭ ئاستىرىتتىن ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا شىۋېتسىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوللاش يۈزىسىدىن نامايىش ئويۇشتۇرغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-04-28
Share

 بۇ نامايىشتىن خەۋەر تاپقان شىۋېتسىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتايلار نامايىش قىلىۋاتقان يەرگە دەرھال يىغىلىپ ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىدى.گەرچە خىتاي نامايىشچىلىرىنىڭ باش تەشكىللىگۈچىسى شىۋېتسىيە ساقچىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشقا رۇخسەت ئالمىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ ، ئەمما مەقسىتىگە يېتەلمىگەن.

گەرچە نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى خىتايلاردىن كۆپ ئاز بولسىمۇ، ئەمما نەق مەيداننى زىيارەت قىلىشقا كەلگەن شىۋېتسىيە ئاخباراتچىلىرىنىڭ نەزىرى خىتايلارغا ئەمەس ، بەلكى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشكەن. نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈنكى نارازىلىق پائالىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ.

بۈگۈنكى بۇ يىغىلىشقا شىۋېتسىيىدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن "كۈندىلىك خەۋەرلەر"گېزىتى، "ستوكھولىم شەھەر گېزىتى"، "شىۋېتسىيە دۆلەتلىك ئاخبارات تېلېگراف ئاگېنتلىقى" قاتارلىق چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى قاتناشقان بولۇپ،بۇلار خىتايلارنى ئەمەس ، بەلكى ھەممىسى بەس -بەس بىلەن خىتايلارنىڭ نامايىشقا قارشى نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەشكە چىققان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋاللىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقان. ئۇلار زىيارەت خاتىرىلىرىنى نەق مەيداننىڭ ئۆزىدە تېلېفونلىرى ئارقىلىق باش تەھرىر بۆلۈمىگە يوللاپ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرى ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقان.

كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى زىيارەت جەريانىدا مۇنداق دەيدۇ: "مىنىڭ ئاپام -20 ئەسىرىنىڭ باشلىرى شەرقى تۈركىستاننىڭ يەكەن شەھرىدە تۇرغان، مەن ئاپامدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ ھېكايىلەرنى ئاڭلىغان. مەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە گېزىت يۈزىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بېرىشكە تىرىشىمەن."


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت