بۇ كۈنى شىۋېتسىيىدىكى ئوخشىمىغان خەلقلەر، ھەرقايسى تەشكىلاتلار ۋە ھەر خىل كۆز قاراشتىكى كىشىلەر ئوخشىمىغان مەزمۇندا ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ھەر يىلى ئۆزلىرىنىڭ ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ بۇ زور نامايىش قوشۇنىنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.
بۇ يىل نامايىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىغا بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ زور ئاۋاز قوشۇلغان بولۇپ، شىۋېتسىيە سولچىلار پارتىيىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىرقىسىم شىۋېتلار ۋە گېمنازىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىش سېپىگە قېتىلغان. ئۇلار شىۋېتچە شىېرىي شۇئار تېكىستى يېزىپ شىۋېتسىيە باش ۋەزىرى فرىدرېك رېيىنفېلتنىڭ ئالدىنقى ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلغانلىقىنى "خىتاي بىلەن قول تۇتۇشۇپ خىتايدىن ئىبارەت دىكتاتور دۆلەتنىڭ ھەيۋىسىنى كۆككە كۆتۈرگەنلىك دەپ تەنقىت قىلدى."
ئۇلار نامايىش جەريانىدا ئاممىغا نۇتۇق سۆزلەپ شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنى خىتايدا كۈندىن - كۈنگە ناچارلاۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى. ئۇلار نۇتۇقلىرىدا يەنە شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى . بۇ قېتىمقى نامايىش ستوكھولىم شەھىرىنىڭ ئاۋات بازارلىرىدىن بىرى بولغان پۇقرالار مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار كۆتەرگەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق مىڭلىغان ھەر خىل بايراقلار ئارىسىدا قەد كۆتەردى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان ئاۋازى ئەتراپتا ياڭرىدى.