شۋېتسىيىدىكى يەنە بىر خىتاي جاسۇس گۇماندارى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلار

تۈنۈگۈن، شۋېتسىيىدە يەنە بىر خىتاي جاسۇس گۇماندارىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. بۈگۈن مەزۇر ۋەقە ھەققىدە تولۇقلىما ئۇچۇر ۋە بىرقىسىم قىسىم ئىنكاسلاردىن مەلۇمات بېرىمىز.

0:00 / 0:00

شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ باشلىغى ماھىنۇر ھەسەنوۋا خانىم، ئۆزلىرىنىڭمۇ ۋەقەنى مەتبۇئاتتىن ئاڭلىغانلىقىنى، خەۋەرلەردە گۇماندارنىڭ مىللەت تەۋەلىكى بىلدۈرۈلمىگەنلىكىنى بايان قىلدى.

شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تەشكىلاتنىڭ دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ئارىسىدا دەرھال تېلېفون يىغىنى ئېچىپ ۋەقەنى مۇزاكىرە قىلغان، مۇزاكىرىدىن كېيىن گۇماندارنىڭ كىملىكى ھەققىدە جامائەت ئىچىدە سۈرۈشتە ئېلىپ بارغان. ئەمما خەۋەردە بىلدۈرۈلگەن ياش دائىرىسى ۋە ئادرىستا، بىرەر ئۇيغۇرنىڭ بارلىقىنى بايقىمىغان.

ماھىنۇر خانىم ئۆتكەن قېتىم خىتاي جاسۇسى بابۇر مەخسۇتنىڭ سوتىدا سوتچىنىڭ مەزكۇر دېلونىڭ چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭ بىر دېلو ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ قېتىمقى گۇماندارنىڭمۇ شۇ بابۇر مەخسۇت دېلوسىغا چېتىشلىق بىر كىشى بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە پەرىزىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، بۇنىڭدىن جامائەتچىلىكنىڭ جاسۇسلۇق ھەققىدە گۇمانلىرى ۋە بۇ ھەقتە پاكىتلىرى بولسا دەرھال ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ قانۇن ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەكلىكىنى؛ شۇنداق بولغاندا مەسىلىنىڭ تولۇق ۋە توغرا ھەل بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇزارا گۇمان ۋە ئىتتىپاقسىزلىقتىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.