شۋېتسىيىدە 40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىلارغا مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇم بېرىلدى

2012-يىلى ئۆكتەبىر كىرىشى بىلەنلا شۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى 40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىلارغا ئارقا-ئارقىدىن مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش سالاھىيىتى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

بۇ خۇشخەۋەر شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى قاتتىق ھاياجانغا چۆمدۈردى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 10-ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 16 دە شۋېتسىيە پارلامېنتىدا تەبرىكلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىننى شۋېتسىيە ئۇيغۇر دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ شۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى ئەزالىرى بىلەن شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى. تەبرىكلەش يىغىنىغا شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى، يېشىللار پارتىيىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى مەھمەت قاپلان رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇمغا ئېرىشكەن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار قاتناشتى. سىياسىي پائالىيەتچى مەمەت توختى كانادادىن سىكايپې ئارقىلىق يىغىن ئەھلىگە سۆز قىلدى.

شۋېتسىيىدە 40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىلارغا مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇم بېرىلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن شۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش يىغىنىدا، مەمەت توختى ئەپەندى كانادادىن سىكايپې ئارقىلىق يىغىن ئەھلىگە سۆز قىلدى. 2012-يىلى 10-ئۆكتەبىر.
شۋېتسىيىدە 40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىلارغا مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇم بېرىلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن شۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش يىغىنىدا، مەمەت توختى ئەپەندى كانادادىن سىكايپې ئارقىلىق يىغىن ئەھلىگە سۆز قىلدى. 2012-يىلى 10-ئۆكتەبىر. (RFA/Qutlan)

شۋېتسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن شۋېتسىيىگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى تاپشۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى جىددىي رەۋىشتە كۆپەيگەن. ئۇلارنىڭ بىر قىسمىغا شۋېتسىيىدە ئولتۇراقلىشىش رۇخسىتى بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنىپ، ئۇلار چېگرادىن چىقىرىۋېتىلىش ھەتتا خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنىدى.

2011-يىل ئۆكتەبىردىن باشلاپ شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن مەھمەت قاپلان ھەمدە شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق شۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە قايتا-قايتا دوكلات سۇنۇلىدۇ. مەمەت توختى شۋېتسىيىگە كېلىپ پارلامېنت ئەزاسى مەمەت قاپلان قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ شۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بېرىدۇ. 2012-يىلى 6-ئاي ئىچىدە شۋېتسىيە دۆلەتلىك رادىئوسىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە 5 قېتىم مەخسۇس خەۋەر ۋە مۇھاكىمىلەر بېرىلىپ جامائەت پىكرى ھازىرلىنىدۇ. يۇقىرىقىدەك بىر قاتار تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە شۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى 2012-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئىلىدىن ۋە ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كېلىپ شۋېتسىيىگە پاناھلىنىۋاتقان 70 تەك ئۇيغۇرنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىش توغرىسىدىكى قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. ئارىدىن 3 ئاي ئۆتمەيلا، يەنى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسىدە 40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرغا بىراقلا مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇم بەرگەنلىكىنى جاكارلايدۇ.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت قاپلان، شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات ئەپەندى ھەمدە شۋېتسىيىدە مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇمغا ئېرىشكەن ئۇيغۇرلاردىن مۇنەۋۋەر خانىم قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.