شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى شۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئىپتارلىق بەردى
2012.08.16
ئىپتار داستىخىنىغا شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسىي ئەربابلار، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، دىنىي زاتلار ۋە ئەدىب، پروفېسسورلار بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق كىشى داخىل بولدى.
ئىپتار پائالىيىتىگە پارلامېنت ئەزاسى، شۋېتسىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولغان مەمەت قاپلان ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ باشلاش سۆزىدە ئۇيغۇرلارنى قىسقىچە چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى پارلامېنتقا سۇنۇپ ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن ساقلاپ قالغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئىپتار پائالىيىتىگە يەنە شۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى 3-چوڭ پارتىيە ھېسابلانغان يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى گوستاۋ فرىدولىنمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشقانلىقىدىن ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغانلىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن سىرت، يېشىللار پارتىيىسى ئىنسان ھەقلىرىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاينىڭ بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەھۋالىنىمۇ پەلەستىن مەسىلىسى قاتارىدا دىققىتىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تاماق ئارىلىقىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئانۋار شاننان خانىم مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، بۈگۈن بۇ يەردە ئۇيغۇرلار بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ بۇ قېتىمقى شۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئىپتارلىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى 2-قېتىملىقى بولۇپ، جەمئىيەت رەئىسى نىجات تۇرغۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پارلامېنتتا ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.