بۇنى ستوكھولىم شەھىرىنىڭ تېنىستا رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى يەرمەنكىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى يەرمەنكىگە ئۇيغۇرچە يېمەكلىكلەر، بىر قىسىم مەدەنىي بۇيۇملار ۋە تەشۋىق ۋەرەقىلىرىنى ئېلىپ چىققان بولۇپ، يەرمەنكە خېرىدارلىرىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر بېرىش، تونۇشتۇرۇش ئىمكانىغا ئېرىشكەن. يەرمەنكىدە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ تۇرۇۋاتقان شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يەرمەنكىگە قاتنىشىشتىكى مەقسەتلىرى ۋە بۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

يەرمەنكە ئۆتكۈزۈلگەن تېنىستا رايونى ستوكھولىمدىكى كۆپ مىللەت ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەت گىرەلىشىپ كەتكەن چوڭ رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردە رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەر يىلى مىللەتلەر يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يەرمەنكىگە قاتنىشىشى تۇنجى قېتىمدۇر.
