شىۋىتسيىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۆتكۈزۈلدى

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارنى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي داۋاسىنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ئاممىغا تونۇشتۇرۇش ئىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ جەھەتتە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ كەلمەكتە.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.06.25
shiwetsiye-uyghur-mediniyet-kuni-305.png شىۋىتسيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنىدىن بىر كۆرۈنۈش
uymaarip.com


23 - ئىيۇن كۈنى شىۋىتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى پايتەخت ستوكھولىمدىكى تېنستا رايونىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادەتلىرى ۋە تارىخىنى تونۇشتۇرغان. جەمئىيەت باشلىقلىرى بۇ پائالىيەت نەتىجىسدە ئۆزلىرىنىڭ بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

شىۋىتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى 2007 - يىلى شىۋىتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولىمدا قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىۋىتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئانا تىلدا تەربىيىلەش، ئۇلارغا ئۆز مىللىتىنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ۋە دىنىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئانا تىل مەكتىپى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كۇرسلارنى ئاچقاندىن باشقا، ئۇيغۇر ۋە جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي داۋاسىنى شىۋىتسىيە خەلقىگە تونۇش ئۈچۈن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ جەمئىيەت قۇرۇلغاندا ھەر يىلى بىر قېتىم ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۆزىنىڭ نىزامنامىلىرىنىڭ بىرى قىلىپ بەلگىلەپ چىققان بولۇپ، جەمئىيەت شۇ نىزامنامىگە ئاساسەن بۇ پائالىيەتنىڭ كۆلىمىنى يىلدىن - يىلغا زورايىتىپ، مەزمۇنىنى يىلدىن - يىلغا رەڭدارلاشتۇردى.

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ بۇ يىللىق مەدەنىيەت پائالىيىتىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئۇيۇشما قارمىقىدىكى مەھمۇد قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، 23 - ئىيۇن كۈنى پائالىيەتنى مۇۋاپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتكۈزدى. شۇ كۈنى شۋىتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولىمنىڭ تېنىستا رايونىدىكى مەدەنىيەت مەركىزىدە ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار لەپىلدەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىگە سىموۋۇللۇق قىلىدىغان يېمەك - ئىچمەك تۈرلىرى، ھەر خىل تىللاردا نەشر قىلىنغان كىتاب، نەشر بويۇملىرى ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى باشلىقى نىجات ئەپەندى ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ۋە ھازىر ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يوقىتىۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى شىۋىت جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتنىڭ ئارزۇ قىلغاندىنمۇ بەك نەتىجىلىك ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

23 - ئىيۇندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى پائالىيىتى جەمئىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆتكۈزگەن 6 - نۆۋەتلىك مەدەنىيەت كۈنى بولۇپ، ئۇلار يىللاردىن بېرىقى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ رەڭدارلىقىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن. جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغۇچىلارنىڭ سانى يىللاردىكىدىن كۆپ بولغان. بولۇپمۇ ئەرەب باھارىنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان دۆلەتلەردىن كەلگەن كىشىلەر ئۇيغۇر مەسىلىسگە ئالاھىدە قىزىققان.

ھازىر چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، چەتئەللەردە، ئۆز يۇرتلىرىدىن يىراق جايلاردا چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ سانىمۇ ئېشىپ بارماقتا. مانا بۇ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى چەتئەللەردە ياراملىق بىر ئادەم قىلىپ تەربىيىلەپ، ئۇلارنى قاتارغا قوشۇش بىلەن بىرلىكتە بۇ بالىلارنى ئۆز مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادەتلىرى بويىچە چوڭ قىلىش، ئۇلارغا ئانا تىلىنى ئۆگىتىشمۇ چەتئەللەردىكى بارلىق ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر مەسىلە. ھازىر ئۇيغۇرلار ئاساسلىق ياشاۋاتقان نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئانا تىل مەكتەپلىرى، تىل - مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەت كۇرسلىرى دەل مانا مۇشۇ تەلەپنى چىقىش قىلىپ قۇرۇلغان. شىۋىتىسيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى نىجات ئەپەندى يۇقىرىدىكى مەكتەپ - كۇرسلاردىن سىرت، چەتئەللەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەدەنىيەت كۈنلىرىنىڭ چەتئەللىكلەرنى ئۇيغۇرلاردىن خەۋەردار قىلىشلا ئەمەس، بەلكى شۇ ئۇيغۇر بالىلىرىنىمۇ ئۆز مەدەنىيىتىدىن خەۋەردار قىلىشتا زور رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىۋىتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بۇندىن كىيىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان باشقا پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئۆتكۈزۈش، شىۋىتسىيىنىڭ ئوخشمىغان رايون ۋە ئوخشىىمىغان قاتلاملىرىغا كېڭەيتىش ۋە شۇنىڭدەك شىۋىتسىيىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى يېقىندىن دىققەت قىلىدىغان پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش پىلانلىرى بارلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.