چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ سىچۈەندە ئاپەتكە ئۇچرىغان بالىلار ۋە ئۇيغۇر بالىلىرى ھەققىدىكى كۆز قارىشى
ئاۋسترالىيىدە تۇرۇۋاتقان ھۈسەن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تۈنۈگۈن ئاۋسترالىيىنىڭ سېدنىي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق بالىلار سەنئەت كېچىلىكىدە بالىلار ئۈچۈن ئىئانە توپلانغان، توپلانغان ئىئانە پۈتۈنلەي مەكتەپلەرگە تەقدىم قىلىنغان.
-
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008-05-26 -
-
-
Your browser doesn’t support HTML5 audio
ئۆزى بۇرۇن ئوقۇتقۇچى بولغان ھۈسەن ئەپەندى بۇ ۋاقىتتا، سىچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئوقۇغۇچى بالىلارغا چۇڭقۇر ھېسداشلىق بىلدۈرگەن. ھۈسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئاپەتكە ئۇچرىغان بالىلارنىڭ كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىشىدە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بار.
ھۈسەن ئەپەندى سىچۇەندىكى ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئويلانغاندا، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر بايلىقى مول زېمىندە تۇرۇپ نامراتلىشىپ، ياخشى مائارىپ شارائىتىگە ئىگە بولالمايۋاتقانىلىقىنى ئەسلىگەن، بۇ ھەقتىمۇ ئويلانغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۆز مىللىتىنىڭ پەرزەنتلىرىگە شۇنچىلىك مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتقان كوممۇنىست ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر بالىلىرىغا ھېچقانداق شاپائەت كەلمەيدۇ.