تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى سىنان ئوگان پارلامېنتتىكى نۇتقىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى تۈركىيە-خىتاي سىياسىي ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بېسىم سىياسىتى ئېلىپ بېرىشىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 40-يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەر خىل توختامنامىلەر تۈزۈلمەكتە.

sinan-ogan-turkiye-parlamenti-soz-qildi-385.jpg
550 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقان ئومۇمىي يىغىندا پارلامېنت ئەزاسى دوكتور سىنان ئوگان ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلدى. 2012-يىلى يانۋار، تۈركىيە. (RFA/Erkin Tarim)

دېموكراتىك تۈزۈمى بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەردە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل توختامنامىلەرنى تۈزۈش ھوقۇقى پارلامېنت تەرىپىدىن قارار قىلىنىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيە پارلامېنتىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا تىجارىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە توختامنامە تۈزۈشكە ئائىت قانۇن لايىھىسى مۇزاكىرە قىلىنىپ، بۇ قانۇن لايىھىسى قوبۇل قىلىنغان ئىدى. 550 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقان مەزكۇر ئومۇمىي يىغىندا پارلامېنت ئەزاسى، دوكتور سىنان ئوگان سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ تۈركىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي ئىقتىسادىي ۋە تىجارىي مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا بېسىم سىياسىتى ئېلىپ بېرىشىغا قاراپ تۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئۇنىڭ نۇتقىنىڭ مەزمۇنلىرى بىلەن تونۇشقايسىز.