سورۇن ۋە سورۇنداشلارغا بولغان ئەدەپ - ئەخلاق قائىدىلىرى
ئىنسانلار ھاياتلا بولىدىكەن، ئۆزئارا بىر - بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇشقا ھەم توپلىشىپ ياشاشقا مۇھتاج بولىدۇ. قۇرئان كەرىم بىزگە سورۇن ۋە سورۇنداشلارغا بولغان ئەدەپ - ئەخلاق قائىدىلىرىنى ئۆگىتىپ مۇجادىلە سۈرىسىدە:" ئى مۆمىنلەر! ئەگەر (سورۇندا) بەزىلەر سىلەرگە: "ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار"دېسە، ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ( رەھمىتىنى ۋە جەننىتىنى)كېڭەيتىپ بېرىدۇ. ئەگەر سىلەرگە (باشقىلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىش ئۈچۈن) "ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار" دېيىلسە، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار" دەپ كەلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.30
مۇھەممەد نىياز ھاجىم بىلەن سۆھبەت
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئالىم مۇھەممەد نىياز ھاجىم سورۇن ۋە سورۇنداشلارغا بولغان ئەدەپ - ئەخلاق قائىدىلىرى ئۈستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:" سورۇن توغرۇلۇق كۆپلىگەن قائىدە - يوسۇنلار بار. بۇلاردىن بەزىسىنى قىسقىچە بايان قىلىپ بېرەي. سورۇنغا كەلگەن كىشىلەر ئۆز ئارىسىدىكى بىلىمى يۇقىرى كىشىلەرنى ۋە تالانت ئىگىلىرىنى ئاۋۋال سورۇنغا كىرىشكە تەكلىپ قىلىپ، ئاندىن شۇ بويىچە كىرىشى لازىم. سورۇنغا كەلگەن مېھمانلارنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆي ئىگىسى ئورنىدىن قوپۇپ، ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈشى، سورۇنغا كىرگەنلەر سورۇنداشلارغا "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم" دەپ سالام بېرىپ كىرىشى، مۇبادا سورۇنغا كىرگەن ئادەم ئىلىم - مەرىپەت جەھەتتە ئارتۇق، ياش جەھەتتە چوڭ بولسا، ساھىبخان ئۇ كىشىنى تۆرگە تەكلىپ قىلىشى، شۇنداقلا سورۇنداشلار مۇمكىن بولسا ئۇنىڭغا تۆردىن يەر بوشىتىپ بېرىشى لازىم. ئەمما ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇ كىشى بىلىمىم يۇقىرى، ياش جەھەتتە مەن پېشقەدەم، دەپ سورۇنغا كىرىپ ئولتۇرغان كىشى بىلەن ئورۇن تالىشىپ ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزىۋەتمەسلىكى لازىم. شۇنداقلا سورۇنغا كىرگەن كىشىنىڭ يېقىن ئولتۇرغان ئىككى ئادەمنىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ كىرىپ ئولتۇرۇشى توغرا ئەمەس. سورۇنغا كەلگەن ئىلىم ئەھلىلىرىنى ۋە ياشانغان كىشىلەرنى ھۆرمەتلەش ئۈچۈن، سورۇنداشلارنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ بېرىشىگە بولىدۇ. ئەمما ئۆزىنى چوڭ ساناپ، باشقىلارنى ئۆزىگە ھۆرمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئورۇنلىرىدىن تۇرغۇزماقچى بولغانلارغا تۇرماسلىق كېرەك."
سورۇندا جاي تالاشماسلىق لازىم
مۇھەممەد نىياز ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى: " سورۇنغا كېچىكىپ كەلگەن ئادەم كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سورۇنداشلارنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن، قەيەردە بىكار ئورۇن تېپىلسا شۇ يەردە ئولتۇرۇشى لازىم. مەيلى سورۇنغا كەلگەن بولسۇن، مەيلى مەسچىتكە كەلگەن بولسۇن، ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ مۈرىلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتۈشى توغرا ئەمەس. شۇنداقلا سورۇنغا كەلگەن ئادەم سورۇنداشلارنى قىستاپ ئولتۇرماسلىقى ۋە كەڭ - كەڭرى ئولتۇرۇپ بىر - بىرىگە راھەت بېغىشلىشى لازىم. ئەمما سورۇنغا بۇرۇن كېلىپ ئولتۇرغان ئادەم بىرەر ئۆزرە سەۋەبى بىلەن ياكى ھاجىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن سورۇندىن چىقىپ كەتكەن بولسا، قايتىپ كىرگەندىن كېيىن ئۆز ئورنىغا بېرىپ ئولتۇرۇشقا ھوقۇقلۇقتۇر. بىر ھەدىستە:" قاچانكى، بىرىڭلار ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپ ئاندىن يەنە ئورنىغا قايتىپ كەلسە، شۇ ئورنىدا ئولتۇرۇشقا ھەقلىقتۇر"دەپ كەلگەن."
چاقىرىلمىغان سورۇنغا بارماسلىق لازىم
مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، چاقىرىلمىغان سورۇنغا بارماسلىق لازىم. سورۇنغا چاقىرىلغان ئادەمگە باشقا بىر ئادەم ئەگىشىپ بىللە بارغان بولسا، ئۇ كىشىنى سورۇنغا باشلاپ كىرىش ياكى كىرمەسلىك توغرىسىدا ساھىبخاننىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش شەرت. چۈنكى چاقىرىلمىغان مېھمان رۇخسەتسىز سورۇنغا كىرگەندە، ساھىبخان ياكى شۇ كىشى ئۈچۈن ئوڭايسىزلىق تۇغۇلۇشى ياكى سورۇننىڭ كەيپىنى بۇزىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ قېلىشى ئېھتىمال. شۇڭا چاقىرىلمىغان ئادەم مۇتلەق ساھىبخاننىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىن سورۇنغا كىرمەسلىكى كېرەك. بۇ ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ياخشى ئىش.
سورۇننىڭ ئەدەپلىرى
دۇنيادا ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ ئۆزىگە لايىق قائىدە يوسۇنى ۋە ئەدەپ - قائىدىلىرى بولغاندەك، سورۇننىڭمۇ مەلۇم قائىدە - تەرتىپلىرى ۋە ئەدەپ - ئەخلاقلىرى باردۇر. ئۈچ ئادەم بولسا، ئىككىسى بىرىنى يالغۇز قويۇپ پىچىرلىشىشى ياكى ئۇ بىلمەيدىغان تىلدا سۆزلىشىشى قەتئىي توغرا ئەمەس. بۇ ئەخلاقلىق كىشىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. شۇنداقلا سورۇندا ئولتۇرغان ئادەم باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماسلىقى، غەيۋەت قىلغانلارغا نەسىھەت قىلىشى لازىم. سورۇندىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولغان ئادەمنىڭ سورۇنداشلارغا "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم" دەپ ئۇلارغا سالامەتچىلىك تىلەپ قايتىشى مۇھىم ئەدەپ - ئەخلاقلاردىن سانىلىدۇ. سورۇندىن چىققان مېھماننى ساھىبخاننىڭ ئىشىك ئالدىغىچە بىللە چىقىپ ئۇزىتىپ قويۇشى ئايرىم بىر ئەخلاقىي قائىدىدۇر.