0:00 / 0:00
نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەيىنلەنگەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئاپپاراتى شەكىللىنىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت مۇرەككەپ سىياسىي كۈرەشلەر ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش باسقۇچىغا كىردى.
بۇ جەرياندىكى مەسىلىلەر، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ۋە ھەم ئۇيغۇر سىياسىتى مۇھىم بىر تېمىدۇر. بۇ مەسىلە بويىچە رۇسىيە ئالىملىرى سوۋېت مەخپىي ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئاساسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پروفېسسور بارمىننىڭ تەتقىقاتى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە كۆپ ئىزدەندى.