خەلقى ئالەمنىڭ سۈكۈت قىلىشى ۋە كازافىينىڭ ۋەھشىلىكى

تەھلىلچىلەر چوڭ دۆلەتلەر ھېچ بولمىسا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ لىۋىيىدە قۇربان بولۇۋاتقان خەلقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلمايۋاتقانلىقىدىن ئېچىندى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2011.03.16

لىۋىيىدە چىققان تىنچلىق نامايىشى قوراللىق ئۇرۇشقا ئايلانغىنىغا بىر قانچە ھەپتە بولۇپ قالدى. نامايىشچىلار دەسلەپتە ئارقا-ئارقىدىن غەلىبىگە ئېرىشكەن ۋە لىۋىيىنىڭ كۆپ جايلىرىنى كازافىي ھاكىمىيىتىدىن قۇتقۇزۇپ ئۆزلىرىنىڭ «مىللىي كومىتېت» ئىنى قۇرغان ئىدى. كېيىنچە ئەھۋال بىردىنلا ئۆزگىرىپ كازافىي قوشۇنلىرى نامايىشچىلار ئىگىلىگەن رايونلاردىن بىر قانچىسىنى قايتۇرۇپ ئېلىشقا باشلاپ، بۈگۈن ئەجدابىيە دېگەن رايوننى قايتۇرۇپ ئالدى ۋە ھازىرغىچە كازافىينىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ كېلىۋاتقان لىۋىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسىدە كازافىينىڭ غەلىبىسى قۇتلاندى.

تەھلىلچىلەر مىسىردا مۇبارەكنىڭ تۆمۈر قورغىنىنى 18 كۈن ئىچىدە ئۆرۈپ تاشلىغان بۇ نامايىش دولقۇنىنىڭ لىۋىيىگە كەلگەندە بۇنچىلىك سوزۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىشماقتا ۋە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ، ھېچ بولمىغاندا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ لىۋىيىدە كازافىينىڭ ئوقىغا تۇتۇلۇۋاتقان چارىسىز خەلقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلمايۋاتقانلىقىدىن ئېچىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلەشمەكتە.

لىۋىيە خەلقى نالە قىلماقتا

لىۋىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئىبنى ھېلىم قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىغا دۇبەي شەھىرىدىكى قارارگاھىدىن 2011-يىلى 15-مارت كۈنى بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەرنى لىۋىيە ئىشىغا تىزدىن ئارىلىشىشقا چاقىردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ھەرقانداق بىر دۆلەتكە مالامەت قىلمايمەن، پەقەت ئۇلارنى لىۋىيىدىكى چارىسىز خەلقنى كازافىينىڭ ۋەھشىيلەرچە قىرىپ يوق قىلىشىدىن قۇتقۇزۇشىنى سورايمەن. مەن راستىنىلا ھەيران قېلىۋاتىمەن. كۈندە ئونلارچە، ھەتتا يۈزلەرچە خەلق كازافىينىڭ ئوقى بىلەن ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ، نامايىشچىلارنىڭ كازافىيغا تەڭ كېلەلىگۈدەك قورال كۈچى يوق. بۇنى ھەممە ياخشى بىلىدۇ. دۇنياغا ھۆكۈم قىلالايدىغان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ لىۋىيە ئىشىغا ئارىلىشىش مەسىلىسىدە ئىككىلىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا ھەيران بولۇۋاتىمەن. مەن خەلقئارادىكى چوڭ دۆلەتلەردىن، خۇسۇسەن رەئىس ئوبامادىن ئۆتۈنىمەنكى، لىۋىيە خەلقىنى كازافىينىڭ ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىشىدىن قۇتقۇزۇڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار ئەڭ توغرا قارارنى ئالغان بولىسىلەر. سىلەرمۇ بۇ ئىشتا ھەرگىز زىيان تارتمايسىلەر. سىلەر چوڭ تاللاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىسىلەر. لىۋىيە خەلقىنى قۇتقۇزۇش ئەڭ ياخشى تاللىشىڭلار بولىدۇ.»

لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارادىكى چوڭ دۆلەتلەر لىۋىيە ئىشىغا ئارىلىشىش ياكى ئارىلاشماسلىق مەسىلىسىدە ھەرخىل كۆز قاراشتا ئىكەن. ئەنگلىيە تىزدىن ھەربىي يۈرۈش قىلىپ لىۋىيە خەلقىنى كازافىينىڭ قەتلىئامىدىن قۇتقۇزۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى سۆزلىسە، گېرمانىيىگە ئوخشاش بەزى دۆلەتلەر لىۋىيە ئىشىغا ئارىلاشماسلىق، ھەربىي يۈرۈش قىلماسلىق تەرەپدارى ئىكەن. ئەمما ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى چەت دۆلەتلەرنىڭ لىۋىيىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىنى ياقتۇرمايدىكەن. ئەرەبلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەۋقەسىنى ھازىرغىچە سۆزلەپ كەلمەكتە. لىۋىيە مەسىلىسىدە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق دۆلەتلەرنىڭ كۆز قاراشلىرى بىر يەرگە كەلمىگەنلىكى كازافىي ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا. چۈنكى كازافىي خەلقى ئالەمنىڭ سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىدىن پايدىلىنىپ قەتلىئامىنى داۋام قىلدۇرماقتا ۋە نامايىشچىلار ئىگىلەپ بولغان رايونلارنىمۇ قايتۇرۇپ ئالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.