تەھلىلچىلەرگە كۆرە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ۋىتوسى سەۋەبلىك ئىككى قولى باغلىنىپ قالغان، چارىسىز ئادەمگە ئوخشاپ قالغانلىقتىن ۋاقىت شۇنچىلىك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەن. ھازىر سۈرىيە ئەسەد كۈچلىرى بىلەن خەلق ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ تەڭلىكى ئاساسەن ئوخشاش دەرىجىدە بولۇپ قالغان. بۇ ئىككى كۈچنىڭ ھېچقايسىسى يا ئالدىغا ماڭالمىغان ياكى كەينىگە قايتالمىغان. بۇ توقۇنۇش يەنە نەچچە ئاي سوزۇلىدۇ. بۇنى ھېچكىم تەخمىن قىلالمايدۇ.
چۈنكى، سۈرىيە ۋەزىيىتى ھازىر سۈرىيە خەلقىگە ھېسداشلىق قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللايدىغان خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىرانغا ئوخشىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سىنىشىشقا ئوخشاپ قالماقتا.
لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق»گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 20-ئاۋغۇست سانىدا، يازغۇچى باسىم جەسر تەرىپىدىن«سۈرىيە ئوتتۇرا شەرقنىڭ پارتلاش ئالدىدا تۇرغا بومبىسى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«سۈرىيىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى بۇ ئەسىردە مۇندىن ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن رايون خاراكتېرلىك ۋەزىيەت بولۇپ، چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئايلىنىپ قالدى. سۈرىيە ھەر خىل دىن ۋە ھەر خىل مەزھەپلەر ياشايدىغان بىر دۆلەت. ئىچكى ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىشى كۆز بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدا قالغان ئىش. ئەسەد كۈچلىرى يېڭىلىدىغانلىقىنى تەن ئالمايدۇ، خەلق كۈچلىرى تەسلىم بولۇشنى خالىمايدۇ. مەيلى ئەرەب دۆلەتلىرى بولسۇن، مەيلى غەرب ۋە ئامېرىكا بولسۇن، ھېچبىر دۆلەت سۈرىيە تۇپرىقىنىڭ بۆلۈنۈشىنى خالىمايدۇ. بۇ ئىجابىي ئىش. ئەمما ھازىرغىچە بۇ ئۇرۇشنىڭ توختاپ، مەسىلىنىڭ ھەل بولماسلىقى ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ. سۈرىيە كرىزىسى كۆپلىگەن چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ قالغانلىقتىن بۇ دۆلەتلەر ئۆز ئارىسىدا كېلىشىپ بولالماي شۇنداق بولۇۋاتامدۇ؟ بۇنى ھېچنېمە دېگىلى بولمايدۇ. ئەمما شۇ ئېنىقكى، سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىراقنىڭ ساددام ھاكىمىيىتىدەك كۈچلۈك بولمىسا كېرەك.»
ئىشەندۈرەلمىگەن يالغانلار
يەنە مەزكۇر گېزىتتە يازغۇچى مىشىل كىلۇ دېگەن كىشىنىڭ قەلىمى بىلەن «ئىشەندۈرەلمىگەن يالغانلار» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«غەربلىكلەر سۈرىيە كرىزىسى توغرىلىق تەكرارلاپ كەلگەن 3 چوڭ يالغان بار. ئۇلار مۇنداق: بىرىنچىدىن، سۈرىيە خەلقى ئوخشاش بولمىغان دىن، ئوخشاش بولمىغان مىللەت ۋە ئوخشاش بولمىغان مەزھەپلەردىن تەركىب تاپقان خەلق بولغانلىقتىن، ئۇلارغا ئارىلىشىپ نەتىجە قازانغىلى بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئادەملەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئىككىنچىسى، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھەربىي كۈچى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئۇلار بىلەن جىددىي ئۇرۇشۇش سۈرىيىدە ئۇزۇنغا سوزۇلغان يەرلىك ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. ئۈچىنچىسى، سۈرىيىدىكى ئىنقىلابچىلارنى بىرلەشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. بىز بۇ باھانىلەرگە بىر-بىرلەپ جاۋاب بېرىپ دەيمىزكى، سۈرىيىدە ياشايدىغان ھەر خىل تائىپە ۋە ھەر خىل دىن ئادەملىرى سۈرىيىگە تۈنۈگۈن ياكى بۈگۈن كېلىپ قالغان ئادەملەر ئەمەس. تارىختىن بىرى ئۇلار بار ئىدى. سۈرىيىدىكى تائىپەۋازلىق ئىراققا قارىغاندا كۆپ ئەمەس. ئەسەدنىڭ ھەربىي كۈچى ئەينى ۋاقىتتىكى ساددامنىڭ ھەربىي كۈچىدىن زور ئەمەس. ئۇنى يەڭگەن يەردە ئەسەدنى قانداقمۇ يەڭگىلى بولمىسۇن؟ سۈرىيىدىكى ئىنقىلابچىلار ھەر خىل پىكىر-ئېقىم ۋە ھەر خىل سىياسىي يۆنىلىشلەرگە بۆلۈنگەن كۈچ بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئورتاق ۋەتەن يولىدا بىرلىشەلىشى قىيىن ئەمەس.»