ئەرەب مەتبۇئاتى : ئەسەد نېمە ئۈچۈن سادام ۋە كازافىينىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئالمايدۇ؟

سۈرىيە كرىزىسى ئەڭ ئۇزۇن داۋام قىلغان ۋە ئاڭ كۆپ بەدەل تۆلەنگەن بىر كرىزىس بولۇپ قالدى. تەھلىلچىلەرگە كۆرە، سۈرىيىدىكى ئۇرۇشلار سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەل ئەسەدنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سىنىشىش ئۇرۇشىغا ئوخشاپ داۋام قىلماقتا ئىكەن.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012.12.12
suriye-namayish-yarilanghan-xelq-305.jpg ساقچىلار نامايىشچىلارنى باستۇرۇش جەريانىدا يارىلانغان كىشىلەر. 2012-يىلى 9-فېۋرال، سۈرىيە.
AFP

ئىشنىڭ يامان بولغان تەرىپى سۈرىيە رەئىسىنىڭ قارشى تەرەپتىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن يادرو قوراللىرىنى قوللىنىش ئېھتىمالىنىڭ كۆپلۈكى ئىكەن. چۈنكى بەششار ئەل ئەسەدچىلەر ھازىر ھوشىنى ۋە ئەقىل تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقان بىر قىرغىنچى كۈچكە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، كۈندىلىك ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۇلارنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ قالغان.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئەل بىلاد» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 10 دېكابىر كۈنىدىكى سانىدا، «ئەسەد نېمە ئۈچۈن سادام ۋە كازافىيلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئالمايدۇ؟» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەل ئەسەدنى قوللاپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەۋقەسى ئۆزگىرىش ئالدىدا تۇرماقتا. بەلكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ مەۋقەسى ئۆزگىرىپ بولغان. ئەمما ئۇنى ئوچۇق ئېلان قىلىشتا ھەر خىل مۇقەددىمىلەرگە باش ئۇرماقتا. مەسىلەن: رۇسىيە باش مىنىستىرى مېدۋېدېفنىڭ سۆزىدىن رۇسىيىنىڭ بەششار ئەل ئەسەدنى قوللاشتىن زېرىككەنلىكى ۋە ئاخىرىغىچە قوللاشنى داۋام قىلالمايدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. ئەمما ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى خامىئىنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋە تاشقى سىياسەت ئىشلىرى مەسئۇلى ئېلى ئەكبەر ۋىلايىتى «ئىران سۈرىيە رەئىسىنى قوللاشقا داۋام قىلالمايدۇ ۋە داۋام قىلىش نىيىتىمۇ يوق»دەپ ئوچۇق سۆزلىگەن. دېمەك، ئەسەدنى قوللاپ كەلگەن ئىككى مۇھىم دۆلەت ئۇنىڭدىن قولىنى تارتىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئەسەدنىڭ تۈگەشكىنى چىقىپ تۇرىدۇ. ئەمما ئۇ رېئاللىققا تەن بېرىشنى خالىمايدۇ.»

سادام بىلەن كازافىيمۇ شۇنداق چوڭ سۆزلىگەن

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئەل نەدۋە» گېزىتىدە يەنە «زالىملارنىڭ ھەممىسى دەسلەپتە شۇنداق چوڭ سۆزلىگەن» دېگەن تېمىدا مۇنداق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان:
«پىرئەۋنمۇ ئۆزىنى ئىلاھ دەپ دەۋا قىلغان. ئەما ئۇنىڭ ئاقىۋىتى سۇدا غەرق بولۇپ تۈگىشىش بولغان. سادام ھۈسەنمۇ چوڭ سۆزلەيتتى، ھەتتا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قوشۇننىڭ باغداتقا كىرمەي تۇرۇپ تۈگىشىدىغانلىقىنى سۆزلەيتتى. كازافىيمۇ تەختىنىڭ ھەرگىز سىلكىنمەيدىغانلىقىنى سۆزلەيتتى. ئەمما ئۇلار دۇنيا زالىملىرىغا ئەڭ ئۇنتۇلماس ئىبرەتلەرنى بەرگەن ھالدا، خورلىنىپ ئۆلدى. بەششار ئەل ئەسەد 2012-يىلى 7-ئايدا تېلېۋىزىيىگە بەرگەن باياناتىدا، سۈرىيىنىڭ نە ئىراققا، نە لىۋىيىگە، نە مىسىرغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، قارشى كۈچلەرنىڭ چوقۇم مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى ئىشەنچ بىلەن سۆزلىگەن ئىدى. ئەمما ئەمدىلىكتە دەمەشىق بىلەن ھەلەب ئىككى شەھەردىن باشقا سۈرىيە شەھەرلىرى ئاساسەن خەلق ئارمىيىسىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولغان، بەششارنى قوللىغانلارمۇ يۈز ئۆرۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە بەششار يەنىلا ئىبرەت ئالمىدى. چۈنكى زالىملار جازاسىنى تارتمىغىچە ئىبرەت ئالمايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار كېيىنكى زالىملارغا ئىبرەت بولۇپ ناگاھان كېتىپ قالىدۇ. بەششار ئۈچۈن پەقەت ساناقلىق كۈنلەرلا قالدى. بۇنىڭغا قارىغاندا، بەششار ئۆزىنىڭ ئىسمىنى سادام ۋە كازافىلارنىڭ قاتارىغا پۈتۈۋەتكەندەك قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ مۇبارەك ياكى ئېلى ئابدۇللا سالىھلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشنى خالىمىغان ئوخشايدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.