سۈرىيىگە بارغان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تاماشىچىلارغا ئايلىنىپ قېلىشى
2011.12.30
سۈرىيىدە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقنى ئۆلتۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىپ قاتتىق قىيناش جىنايەتلىرى ئەۋجىگە چىققان بۇ كۈنلەردە، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سۈرىيىدىكى ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆزىتىپ چىقىپ، ئاندىن سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە قارشى چارە قوللىنىش نىيىتى بىلەن سۈرىيىگە مەخسۇس كۆزەتكۈچىلەر ھەيئىتى ئەۋەتكەن ئىدى.
تەھلىلچىلەرنىڭ قاراشلىرىغا تايانغاندا، سۈرىيە رەئىسى بەشىر ئەل ئەسەدنىڭ كۆزەتكۈچىلەر ھەيئىتىنىڭ سۈرىيىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشى پەقەت خەلقتىن تېخىمۇ كۆپ ئىنتىقام ئېلىشى ۋە كۆپرەك ئادەم ئۆلتۈرۈشى ئۈچۈن ۋاقىت قازىنىش ئۈچۈن بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر سۈرىيىگە بارغان كۈنىدىن باشلاپ ئۆلتۈرۈش، تۇتقۇن قىلىش ئىشلىرى تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «ئەل ۋەتەن» گېزىتىنىڭ 2011-يىلى 28-دېكابىر سانىدا، يازغۇچى تارىق ھەمىد تەرىپىدىن «سۈرىيىگە بارغان ئەرەب كۆزەتچىلىرى تاماشىچىلارغا ئايلىنىپ قالدى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ئەرەب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن سۈرىيىگە ئەۋەتىلگەن كۆزەتكۈچىلەر ھەيئىتى سۈرىيە زېمىنىغا قەدەم بېسىشى بىلەن تەڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەھشىيلىكى بىردىنلا ئېشىپ كەتتى. سۈرىيىنىڭ ھەمس شەھىرى ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قاتتىق مۇھاسىرىگە ئېلىندى، ئەسەد ھاكىمىيىتى دەمەشىق شەھىرىدە چوڭ پارتلىتىش ئېلىپ بېرىلىپ، بۇنى ئۆكتىچىلەرگە ئارتقان بولسىمۇ، خەلقى ئالەمنى ئىشەندۈرەلمىدى. ئەمما سۈرىيىگە بارغان ئەرەب كۆزەتكۈچىلەر تاماشا كۆرۈشتىن باشقا ھېچ ئىشقا يارىمىدى. ھەتتا سۈرىيىدە بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىقلارنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا دوكلات قىلىشقا يارىمىدى. بۇ ئەھۋالدا سۈرىيىگە كۆزەتچى ئەۋەتتۇق دەپ سۈكۈت قىلىش ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقانلىق ۋە تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.»
سۈرىيە كرىزىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش سۈرىيىدىكى ئىنسانى كرىزىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەينەن دوكلات قىلىش ئارقىلىق مەسىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ قارارى بىلەن ھەل قىلىشتۇر. چۈنكى ئۇنىڭدىن باشقا چارە يوق. ئەگەر ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سۈرىيە كرىزىسىنى بۇ تەرىقىدە ھەل قىلمىسا، ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ياندىشىپ خەلقنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان قاتارغا ئۆتۈپ قالىدۇ. ئۇنداقتا ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ سۈرىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىشتىن ئاجىز كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مۇراجىئەت قىلىشتىن باشقا يول يوق.»