سۈرىيىدىن قاچقانلارنىڭ ۋەزىيىتى
2011.06.21

بۇ سەۋەبتىن سۈرىيە خەلقى جېنىنى قوغداش ئۈمىدى بىلەن تەرەپ-تەرەپلەرگە قېچىپ قۇتۇلۇش كويىغا كىرگەن.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، سۈرىيىگە قوشنا دۆلەتلەر ئىچىدە تۈركىيىنىڭ سۈرىيە خەلقىگە بولغان ھېسداشلىقى ئالاھىدە چوڭ بولغان. تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى سۈرىيىدىن قېچىپ پاناھلىنىش ئۈچۈن تۈركىيە چېگراسىغا كىرگەنلەرنى قىزغىن قارشى ئالغان. تۈركىيە ھۆكۈمىتى پاناھلانغۇچىلارنى چېدىر، يېمەك-ئىچمەك، دورا-دەرمەكلەر بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن. ھازىرغىچە سۈرىيىدىن تۈركىيىگە پاناھلىنىش ئۈچۈن كىرگەنلەرنىڭ سانى 11 مىڭغا يەتكەن، يەنە سۈرىيە بىلەن تۈركىيە چېگراسى ئېغىزىدا تۈركىيىگە كىرىش ئۈچۈن كۈتۈۋاتقانلار سانى 10مىڭدىن ئاشىدىكەن.
سۈرىيە ئارمىيىسى سۈرىيىدىن تۈركىيىگە ئۆتۈش ئۈچۈن قاچقانلارنى ئىزلاپ يۈرۈپ بومباردىمانلىرىنى داۋام قىلدۇرماقتا ئىكەن. ھازىرغىچە سۈرىيىنىڭ تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن يېزىلىرىدىن بىر قانچىسى پۈتۈنلەي بومباردىمان قىلىنغان بولۇپ، يېزىنىڭ ئادەملىرى ئۆزلىرىنىڭ جانلىرىنى ئاران ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولغان. يەنە بىر تەرەپتىن سۈرىيە ھۆكۈمىتى رەسمىي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە سۈرىيىدىن قېچىپ كەتكەنلەرنى قايتىپ كېلىشكە چاقىرىپ تۇرىدىكەن. لېكىن سۈرىيىدىكى ۋەھشىيلىكلەردىن قېچىپ كەتكەنلەردىن قايتقىنى يوق. تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيە چېگراسىغا كىرىپ بولغان سۈرىيىلىكلەرنى چوقۇم قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سۈرىيىدىن قېچىپ چىققانلار قايتىشنى خالىمايدۇ
قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مۇخبىرى ئۆمەر خەشرەم 21-ئىيۇن سەيشەنبە كۈنى تۈركىيىنىڭ ئانتاكىيە شەھىرىدىن بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈن تۈركىيىنىڭ ئانتاكىيە شەھىرىدىكى مەخسۇس چېدىرلاردا پاناھلىنىۋاتقان سۈرىيىلىكلەر بىلەن سۆھبەتلەشكىنىمىزدە، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن ۋە سۆزلىرىدىن ئۈمىدسىزلىك ئىپادىلىرىنى ھېس قىلدۇق. ئۇلارنىڭ سۈرىيە ۋەزىيىتى ئوڭشالمايدىكەن، سۈرىيىگە قايتىش نىيىتى يوقتەك قىلىدۇ. ئۇلار سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارغا چىرايلىق ۋەدىلەرنى قىلىپ قايتىپ كېلىشكە چاقىرغان بىلەن ئىنتىقام ئالماي قويمايدىغانلىقىنى، مۇندىن ئىلگىرىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ۋەدە قىلغانلىرىنىڭ بىرىنىڭمۇ ئەمەلگە ئاشماي كەلگەنلىكىنى بايان قىلىشتى. ئۇلار يەنە سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەل ئەسەد ھاكىمىيىتى داۋام قىلىپلا تۇرىدىكەن، ئۆزلىرىگە ياخشىلىق يوقلۇقىنى بىلدۈرۈشتى.»
«دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار ھەيئىتى»سۈرىيە خەلقىگە ياردەم قىلىشنى چاقىرىق قىلدى
قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، «دۇنيا ئىسلام ئۆلىمالار ھەيئىتى» سۈرىيە ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى ۋە ئىسلام ئەللىرىنى سۈرىيە خەلقىگە جىددىي ياردەم قىلىشقا چاقىرغان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن:«ھازىرقى ۋەزىيەتتە سۈرىيە خەلقىگە ياردەم قىلىش تولىمۇ زۆرۈر بولۇپ قالدى. شۇڭا بارچە ئىسلام ئەللىرىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى سۈرىيە خەلقىگە ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەم قىلىشقا چاقىرىمىز. سۈرىيە خەلقىنىڭ يوللۇق نامايىشىنى قوللايمىز ۋە سۈرىيىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يولىنى داۋام قىلىشىنى سورايمىز.»
يەنە بىر تەرەپتىن، خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئۆزلىرىنىڭ سۈرىيىدىكى يارىدارلارنى داۋالاش ئۈچۈن ۋەقە يۈز بەرگەن رايونلارغا كىرىشىگە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرى رۇخسەت قىلغانلىقىنى، بۇ رۇخسەتنىڭ كۆپ كېچىككەن بولسىمۇ يوقتىن ياخشى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.