0:00 / 0:00
ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇل شەھىرىدە ئۇيغۇر تاملىرىدىن مانتا ۋە سامسا سېتىلىدىغان بىر ئاشخانا بار بولۇپ، ئاشخانىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئۈستىگە چوڭ خەتلەر بىلەن "قەشقەر سامسىخانىسى" دەپ يېزىلغان.
"قەشقەر سانسىخانىسى" كابۇلدىكى ئىككى سامسىخانىنىڭ بىرى ھەم ئەڭ بۇرۇنقىسى بولۇپ، بۇ ئاشخانىنىڭ بۇ يەردە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغىنىغا 20 يىل بولغان ئىكەن. بۇ ئاخشانىنىڭ تارىخى ۋە ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن "قەشقەر سامسىخانىسى" دەپ ئاتالغانلىقىغا قىززىقسىڭىز، ئافغانىستاندىكى ئۆز مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ تەپسىلى خەۋىرىگە دىققەت قىلىڭ.