تالىبانلار قازاقىستاننى ئاگاھلاندۇرماقتا

يېقىندا تالىبان ھەرىكىتى تەرەپ بىلدۈرۈش ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭدا قازاقىستاننىڭ ئافغانىستانغا ئەسكەر ئەۋەتىش ھەققىدىكى قارارىنى ئەيىبلىگەن.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2011.05.26
taliban-partilitish-pakistan-305.jpg تالىبانلارنىڭ پاكىستاندا پەيدا قىلغان پارتلىتىش ۋەقەسى. 2009-يىلى 7-دېكابىر.
AFP
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە نۇرغۇن ماقالىلەر ئېلان قىلىنماقتا.

قازتاگ ئاگېنتلىقى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋاقىتلىق ئىشەنچلىك ۋەكىلى دجون ئوردۋېي ئا ق ش غا قارىغاندا ئافغانىستاننىڭ يېقىن بولۇش سەۋەبىدىن مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تالىبانلار تەرىپىدىن ھۇجۇمغا دۇچار بولۇشىدا كۆپرەك خەۋپ تۇغۇلماقتا، دەپ بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ئاگېنتلىقتا ئېلان قىلىنغان «تالىبان قازاقىستانغا پوپوزا قىلماقتا» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، تالىبان ھەرىكىتى ئورگىنى قازاقىستاننىڭ ناتو بىلەن ئافغانىستاندىكى بىخەتەرلىكنى تەمىنلەش مەقسىتىدە خەلقئارالىق كۈچلەر پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تىنچلىق ئەسكىرىنى ئەۋەتىش ھەققىدىكى كېلىشىمگە قول قويۇش نىيىتىنىڭ بارلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىلدۈرۈش تارقاتقان. مەزكۇر بىلدۈرۈشتە «ناتونىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشىغا قازاقىستاننىڭ ئەسكەر ئەۋەتىش ھەققىدىكى قارارى ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن» دېيىلگەن.

ئەمدى ئازادلىق رادىئوسىدا ئېلان قىلىنغان «تالىبان ئاگاھلاندۇرماقتا» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەكىلى ئاسقار ئابدراخمانوف ئۆزىنىڭ «قازاقىستان يېڭىلىقلىرى» ئاگېنتلىقىغا بەرگەن سۆھبىتىدە «بۇ ئەلدىكى بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە تىنچ ھايات مۇھىتىنى يارىتىش» بويىچە خەلقئارالىق ھەرىكەتلەرگە ياردەملىشىش مەقسىتىدە ئافغانىستانغا تۆرت ئوفىتسېرنى ئەۋەتىشنىڭ كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىكەن.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەكىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازاقىستان ناتو بىلەن تۈزگەن كېلىشىم بويىچە، كابۇل شەھىرىگە ئورۇنلاشقان خەلقئارالىق كۈچلەر تەركىبىگە تۆرت قازاقىستانلىق ئوفىتسېرنى ئەۋەتىشنى پىلانلىغان. ئۇ شۇنداقلا ئافغانىستاندىكى خەلقئارالىق ئىتتىپاققا 47 مەملىكەتنىڭ قاتناشقانلىقىنى، ئۇلاردىن 19 ئىنىڭ ناتوغا، ئالتىسىنىڭ ئىسلام كونفېرانسىيىسى تەشكىلاتىغا ئەزا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ماقالىدە، بىر قاتار قازاقىستانلىق ئانالىزچىلارنىڭمۇ بۇ ۋەقەگە بولغان قارىشى بېرىلگەن بولۇپ، قازاقىستاندىكى تونۇلغان ئانالىزچى دوسىم سەتپايېف مۇنداق دېگەن: «قازاقىستاننىڭ ھازىر ئا ق ش ۋە ناتونىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي شېرىكى سۈپىتىدە قاتنىشىشقا ھازىرلىنىشى، ئەلۋەتتە، جۇمھۇرىيەتتىكى تېررورلۇق خەۋپ-خەتەرنى كۈچەيتىدۇ. گەپ تالىبان ھەرىكىتىنىڭ قازاقىستان يېرىدە ئۇنداق ياكى بۇنداق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىدە ئەمەس. سەۋەبى مەركىزىي ئاسىيادا ئەلقائىدە ۋە تالىبان ھەرىكىتى بىلەن بىۋاسىتە ياكى قوشۇمچە باغلىنىشقا ئىگە بولغان رادىكال گۇرۇپپىلار باردۇر.»

ئۇ، تالىبان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىلدۈرۈشنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ماقالىدە شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ بىرىنچى پرېزىدېنتى فوندى يېنىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىتى ئىنستىتۇتى مۇدىرى سۇلتان ئاكىمبېكوفنىڭ قارىشى مىسال كەلتۈرۈلگەن. ئۇ تالىبان ھەرىكىتىنىڭ بىلدۈرۈشى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستان ئۈچۈن ھېچقانداق بىر خەۋپنى كۆرمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قازاقىستاندا چىقىدىغان «ۋرېميا» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «تالىبانلار ھەزىللىشىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ» ناملىق ماقالىدە قازاقىستان مۇسۇلمانلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى مۇرات تېلىبېكوفنىڭ تالىبان ھەرىكىتى ۋەكىللىرىنى ئاستانىغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئافغانىستاندىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىش بويىچە مۇزاكىرىلەر باشلاشنى تەكلىپ قىلغانلىقى ھەققىدە ئېيتىلغان. ئۇ شەخسەن ئۆزىنىڭ ئافغانىستانغا ئەسكەر ئېلىپ كىرىش قارارىنى قوللىمايدىغانلىقىنى، ئەتىكى كۈندە ۋەزىيەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېچكىمنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى، تالىبانلار بىلەن ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش توغرىلىق مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىشنىڭ كۆپرەك نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.