«تەۋپىق فوندى جەمئىيىتى» نىڭ 18 ئەزاسى تۇتقۇن قىلىنغان

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىنكى باستۇرۇش نىشانىنى بىر قىسىم پائالىيەتچان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغىمۇ قاراتقانلىقى مەلۇم.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.09.25
memetjan-abduqadir-tursunjan-ablimit-305.jpg سۈرەتتە ئىستىرىلكىدا كۆرسىتىلگەنلەر، «تەۋپىق فوندى جەمئىيىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى مەمەتجان ئابدۇقادىر(سولدا)، تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانتى تۇرسۇنجان ئابلىمىت(ئوڭدا).
RFA/Jume

مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ، ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدە مەلۇم دەرىجىدە ئىجتىمائىي ئاساس تىكلىگەن «تەۋپىق فوندى جەمئىيىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى مەمەتجان ئابدۇقادىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 18 ئادەمنى قولغا ئالغان. ئىگىلىشىمىزچە، شۇ قېتىم قولغا ئېلىنغانلارنىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» بىلەن ھېچقانداق چېتىشلىقى بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە ئېغىر قاماق جازالىرى بېرىلگەن.

مەزكۇر ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى «تەۋپىق فوندى جەمئىيىتى» نىڭ غايىسى ۋە ئەمەلىي پائالىيەتلىرىدىن خەۋپسىرەپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ قولغا ئېلىنغان. بۇلاردىن بىر قىسمىنىڭ تۇتۇلۇپ جازالانغانلىقى جەمئىيەتكە ئاشكارىلانغان بولسا، بىر قىسمىنىڭ ئۇچۇرى ھەتتا ئۆز ئاتا-ئانىسىدىنمۇ سىر تۇتۇلغان.

شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-تارماق دوختۇرخانىسى جىگەر قاپلىق قۇرۇت ۋە ئۆت كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى، «تەۋپىق فوندى جەمئىيىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى مەمەتجان ئابدۇقادىر، تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانتى تۇرسۇنجان ئابلىمىت ۋە تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى خالىدە قاتارلىقلار 2009-يىلى 5-ئىيۇلدىن كېيىن جازاغا تارتىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىر قىسمى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەمەتجان ئابدۇقادىر 2009-يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» پارتلىغان مەزگىلدە خىزمەت ئۈستىدە، تۇرسۇنجان ئابلىمىت سودا ئىشلىرى بىلەن خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدە، خالىدا مەكتەپتە ئوقۇشتا ئىكەن.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-تارماق دوختۇرخانىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىملار دەرۋەقە مەمەتجاننىڭ جىگەر قاپلىق قۇرۇت ۋە ئۆت كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئۇنداقتا مەمەتجان ۋە تۇرسۇنجانلار كىملەر؟ بۇلارنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىشىگە زادى نېمە سەۋەب بولغان؟

مەمەتجان ئابدۇقادىر ۋە تۇرسۇنجان ئابلىمىتلار بىلەن يېقىندىن تونۇشلۇقى بار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىلىشىدە ئاساسلىقى ئۇلار قۇرغان «تەۋپىق فوندى جەمئىيىتى»، جەمئىيەت قارمىقىدىكى «مەرۋايىت سودا شىركىتى» ۋە فوندى جەمئىيىتى نامىدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر سەۋەب بولغان ئىكەن.

بۇ ھەقتە ئۆز ھاياتى-بىخەتەرلىكى سەۋەبلىك نام-شەرىپىنى ئاشكارىلىمىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىنى بايان قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، 2009-يىلى 10-ئايلاردا «تەۋپىق فوندى جەمئىيىتى» نىڭ مەمەتجان ئابدۇقادىر، تۇرسۇنجان قاتارلىق 18 ئەزاسى بىر گە تۇتۇلغان. ئۇلاردىن تۇرسۇنجان قاتارلىقلار گۇناھسىزلىقى ئىسپاتلىنىپ بىرنەچچە يىلدىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما مەمەتجان ئابدۇقادىر قويۇپ بېرىلمىگەن. ھالبۇكى، تۇرسۇنجان ۋە باشقىلارمۇ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە 2011-يىلى 12-ئايدا سوتقا تارتىلغان.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتقا قارىغاندا مەمەتجان ۋە تۇرسۇنجانلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇلارنىڭ سوتقا تارتىلىدىغانلىقىنىمۇ باشقىلاردىن ئۇقۇپ، سوت مەيدانىغا كەلگەن بولسىمۇ، سوتخانىغا كىرگۈزۈلمىگەن. كېيىن نۇرغۇن تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن ئۇلارنىڭ بىر قىسمى سوتقا قاتناشتۇرۇلغان. سوت ئىنتايىن قىسقا ئېچىلغان. سوتتا ئۇلارغا «تەشكىلات قۇرۇپ دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى» ئارتىلغان، مەمەتجان ۋە تۇرسۇنجانلار ئۆزلىرىگە ئارتىلغان جىنايەتلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى بوينىغا ئالمىغان.

سوتتا ئۇلارغا ھۆكۈم ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھۆكۈمنامىسى كېيىن ئائىلىسىگە ئەۋەتىپ بېرىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، شۇ قېتىم تۇتۇلۇپ سوتقا تارتىلغان 18 ئادەمنىڭ 8 نەپىرى قويۇپ بېرىلگەن بولسا قالغان 10 نەپىرىگە قاماق جازاسى بېرىلگەن.

بۇلارنىڭ ئىچىدە مەمەتجان ئابدۇقادىرغا 15 يىللىق، تۇرسۇنجان ئابلىمىتقا 9 يىللىق خالىدە قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارغا 9 يىللىقتىن 7 يىللىققىچە قاما جازاسى بېرىلگەن.

ئۇنداقتا «تەۋپىق فوندى جەمئىيىتى» قانداق جەمئىيەت ۋە قانداق پائالىيەتلەردە بولغان؟ بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا قىزىقسىڭىز كېلەر قېتىمقى ئاڭلىتىشىمىزغا دىققەت بەرگەيسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.