تىبەت يازغۇچىسى ۋوئىسېر ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان 56 تىبەتلىكنىڭ تەرجىمىھالىنى ئېلان قىلدى
2012.09.13
تىبەت يازغۇچىسى ۋوئىسېر. 2009-يىلى 8-مارت.
خىتاي دائىرىلىرىنى بىئارام قىلىدىغان «ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن تىبەتلىكلەر» ھەققىدە رەتلەنگەن تەرجىمىھال ۋە بۇ تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىشنىڭ ئالدىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ دېگەن ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنىڭ تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوئىسېر تەرىپىدىن رەتلىنىپ، تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلىنىشى، خىتاي ئىچى سىرتىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوئىسېر «ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان 56 تىبەتلىك ۋە ئۇلارنىڭ ۋەسىيىتى» ناملىق ئەسەردە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت سىياسىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆزقاراش ۋە مۇلاھىزىلىرىنى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەسەردە ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغان تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇشىنىڭ ئالدىدىكى ئاخىرقى سۆزلىرى ئارقىلىق تىبەتلىكلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت سىياسىتىگە قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.ۋوئىسېر ئەسەردە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئۆزىگە ئوت قويۇش ئارقىلىق، تېررورلۇق كەيپىيات يارىتىشقا ئۇرۇنغان» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان بۇ تىبەتلىكلەرنى «ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەش، ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىش يولىدا قۇربان بولغانلار»دەپ مەدھىيىلىگەن.
تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوئىسېر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ كىتابچىغا 2009-يىلى 27-فېۋرالدىن 2012-يىلى 27-ئاۋغۇستقا قەدەر ئۆزىگە ئوت قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن 56 نەپەر تىبەتلىكنىڭ رەسىمى، تەرجىمىھالى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى ۋەسىيەتلىرىنى كىرگۈزگەن.
ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان 56 تىبەتلىكنىڭ ھەر بىرىنىڭ رەسىمىگە بەرگەن ئىزاھاتىنى «ئۇلارنى مەڭگۈ ياد ئېتىمىز» دەپ باشلىغان تىبەت يازغۇچىسى ۋوئىسېر، ھەر بىر سۆزىدە ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان تىبەتلىكلەرگە بولغان ھۆرمىتى ۋە قايىللىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق بايانلارنى بەرگەن.
«ئۇلار ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغۇچىلار. ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان تىبەتلىكلەرنىڭ 53 نەپىرى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى تىبەتلىكلەر، قالغان ئۈچ نەپىرى چەتئەللەردە سەرگەردان بولۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان تىبەتلىكلەر.بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە 9 نەپەر ئايالمۇ بار. ھازىرغىچە ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان تىبەتلىكلەرنىڭ 44 نەپىرى قۇربان بولدى. ئەمما ئۇلار ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ئەركىن روھقا ئېرىشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ساقچى-ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئوق بىلەن يارىلاندۇرۇلغان، مىلتىقنىڭ پەيدىكى بىلەن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان، ھەتتا ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغاندىن كېيىنكى سوراق جەريانىدا قاتتىق تاياق يېگۈچىلەرمۇ بار. ئەمما ئۇلار تاكى ئاخىرقى نەپسىگىچە ئۆز ئىرادىسىدىن يانمىدى. ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن بولسا، ئون مىڭلىغان تىبەتلىكلەر تەرىپىدىن ھۆرمەت ئىچىدە داغدۇغىلىق دەپنە قىلىندى.»
ۋوئىسېر تەرىپىدىن رەتلەنگەن بۇ تەرجىمىھالىدا يەنە ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان تىبەتلەرنىڭ ۋەسىيەتلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن. 2011-يىلى 1-دېكابىر كۈنى ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان تېنزون ئىسىملىك بىر تىبەت دېھقاننىڭ يېنىدىن، «بۈگۈنكى پۈتكۈل تىبەتلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە ھازىرقى تىبەت ئىبادەتخانىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىنى ئويلىغىنىمدا، مەن داۋاملىق ياشاشتىن ۋاز كەچتىم. ئەمما تىبەت ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بۇ ئەھۋالنى يوشۇرماقتا. ئۇلار سىرتقا بەرگەن باياناتىدا، ھازىرغىچە تىبەتتە ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرمىدى، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا ۋەزىيەت تولىمۇ تىنچ...» دەپ يالغانچىلىق قىلىۋاتىدۇ...«دېگەن سۆزلەر يېزىلغان قەغەز چىققان. 2012-يىلى 8-يانۋار كۈنى چىڭخەيدىكى تىبەتلەر رايونىدا ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان سوپا ئىسىملىك تىبەت راھىبى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ يېنىدىن «ئۆزىنى كۆيدۈرگەن باشقا تىبەت قېرىنداشلىرىمغا ئوخشاش مەنمۇ ھەقىقەت ھەم ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۆزۈمنى ھالاك قىلىش يولىنى تاللىدىم» دېگەن سۆزلەر ئېلىنغان ئۈن ئالغۇ لېنتىسى تېپىلغان. 2012-يىلى 19-ئاپرېل كۈنى سىچۈەننىڭ ئابا رايونىدا ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغان بىر نەۋرە قېرىنداش ئاكا -ئۇكا تىبەتلىكلەر«بىزنىڭ تىبەت مىللىتىمىزنىڭ ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ئەركىنلىكىمۇ بولمىغان ئازابلىق ھاياتى، بىز ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلارنىڭ ئۆزىمىزنى كۆيدۈرگەندە تارتقان ئازابىمىزدىنمۇ ئېغىر...» دېگەن ئاۋازلىق ۋەسىيەتنى قالدۇرغان.
تىبەت يازغۇچىسى ۋوئىسېر ئۆزىنىڭ تىبەتلەر ھەققىدە يازغان سەزگۈر تېمىدىكى ئەسەرلىرى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن شەخسلەرنىڭ بىرى. رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر قېتىم تىبەتتە ۋەقە يۈز بەرگىنىدە، ئايال يازغۇچى ۋوئىسېر خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىلىرى خادىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىپ سوراق قىلىنىدىكەن. يېقىندا خىتاينىڭ 18-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ھارپىسىدا بېيجىڭدىكى دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى يەنە تىبەتلىك يازغۇچى ۋوئىسېر ۋە ئۇنىڭ خىتاي مىللىتىدىن بولغان ئېرى يازغۇچى ۋاڭ لىشىۇڭغا تاكى قۇرۇلتاي ئاخىرلاشقۇچە بېيجىڭدىن بىر مەزگىل ئايرىلىپ تۇرۇشنى ئۇقتۇرغان. ئۇلار بۇ يىل 8-ئاي مەزگىلىدە بېيجىڭدىن ئايرىلىپ ۋوئىسېرنىڭ يۇرتى تىبەتكە قايتقىنىدا بولسا، تىبەتلىك ساقچىلار بۇ ئىككىيلەننى تۇتۇپ قېلىپ سوراق قىلغان. ئەھۋالىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن تىبەتلىكلەر» ناملىق بۇ ئەسەر9-ئاينىڭ بېشىدا ۋوئىسېرنىڭ بلوگىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ۋوئىسېر بۇ ئەسىرى سەۋەبلىك تېخىمۇ كۆپ ئاۋارىچىلىكلەرگە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.









